خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ياۋروپانىڭ مۇزاكىرىلەردە ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدىكى مۇزاكىرىلەردە ياۋروپانىڭ جەزمەن ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ياۋروپانىڭ مۇزاكىرىلەردە ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي، ياۋروپانىڭ مۇزاكىرىلەردە ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

زېلېنسكىي ئېستونىيەنىڭ پايتەختى تاللىندىكى زىيارىتى جەريانىدا پېرىزىدېنت ئالار كارىس بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە مەتبۇئات ئېلان قىلىش يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

زېلېنسكىي رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ، ئامېرىكا پېرىزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يېقىن شەرق ئالاھىدە ۋەكىلى ستىۋ ۋىكتوف ۋە كۈيئوغلۇ جارات كۇشنېرلار بىلەن تۈنۈگۈن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

سۆھبەتتە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىشى لازىم بولغان كېڭەشلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى تىلغا ئالغان زېلېنسكىي، بۇ مۇساپىگە ياۋروپانىڭمۇ ئۈنۈملۈك شەكىلدە قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

زېلېنسكىي: «ياۋروپانىڭ بۇ مۇزاكىرىلەردە ھەقىقىي ۋە كۈچلۈك بىر ئاۋاز بىلەن قارار چىقىرىش جەريانلىرىدا ئورۇن ئېلىشىغا ئېھتىياج بار. ئامېرىكا دىپلوماتىيەلىك مۇساپىلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا تەييار» دېدى.

زېلېنسكىي ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن رۇسىيە، ئۇكرائىنا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ رەھبەرلەر سەۋىيەسىدە سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «نېمىشقا ياۋروپا دەمسىز؟ چۈنكى بىز ياۋروپادىمىز، جاۋابى مۇشۇ. چۈنكى بۇ بىزنىڭ تۇپرىقىمىز، بۇ بىزنىڭ قىتئەمىز، ھەر قانداق ئەھۋالدا ئەتە بىخەتەر بىر ھاياتنىڭ بولىدىغانلىقىنى تولۇق جەزملەشتۈرىشىمىز كېرەك» دېگەن كۆزقارىشىنى ھەمبەھىرلىدى.

زېلېنسكىي، فرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان گ7 باشلىقلار يىغىنى بىلەن تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئۇكرائىنا ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولىدىغانلىقى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتىپ: «بۇ يىلنىڭ ئىيۇن ۋە ئىيۇل ئايلىرى نۇرغۇن نەرسىلەرنى بەلگىلەپ قويۇشى مۇمكىن» دېدى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيە كېچە بويىچە كىيېۋنى بومباردىمان قىلدى
ئامېرىكا ئىراننىڭ قەشم ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئورتاق چۈشىنىش» ھۆججىتىگە ئىنكاس قايتۇردى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»