ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ۋېنگىرىيە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدىن چېكىنىش قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ئۈستىدىن چىقىرىلغان قارارلار سەۋەبىدىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مەھكىمىدىن چېكىنىپ چىقىش مۇساپىسىنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ۋېنگىرىيە  خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدىن چېكىنىش قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىدى
/ AP

ۋېنگىرىيە  خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدىن چېكىنىش قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

ۋېنگىرىيە پارلامېنتى دۆلەتنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدىن بىر يىللىق چېكىنىپ چىقىش مۇساپىسىنى باشلاش نىشان قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىدى. باش مىنىستىر ۋىكتور ئوربان ھۆكۈمىتى  خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ «سىياسىي» بىر ئورگانغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوربان ھۆكۈمىتى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ۋېنگىرىيەگە قىلغان نادىر زىيارىتىدىن كېيىن، 3-ئاپرېل كۈنى مەھكىمىدىن چېكىنىپ چىقىش قارارىنى ئېلان قىلدى.

  خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر مەجلىسى باشقارمىسى ۋېنگىرىيەنىڭ بۇ قارارىغا قارىتا ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىدى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئۇرۇش جىنايەتلىرى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلەرنى سوتلاش مەقسىتىدە ئۇدا 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى قۇرۇلغان. ئەمما، ئوربان ئۆتكەن ئايدا بەرگەن باياناتىدا،  خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەمدى «بىتەرەپ ۋە قانۇننى ئاساس قىلىدىغان سوت مەھكىمىسى ئەمەس، بەلكى سىياسىي بىر سوت مەھكىمىسى» گە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ۋېنگىرىيە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرىنى تۇتۇش پىكرىنى رەت قىلىپ، تۇتۇش قارارىنى «ھەددىدىن ئاشقانلىق» دەپ ئاتىدى.

 نېتانياھۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى

  خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بىرى بولغان ۋېنگىرىيە 2001-يىلى مەھكىمىنىڭ قۇرغۇچى ھۆججىتىنى تەستىقلىغان، ئەمما بۇ قانۇن تېخى كۈچكە ئىگە بولمىغان.

 

 خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدىن چېكىنىپ چىقىشقا دائىر قانۇن لايىھەسى سەيشەنبە كۈنى 37 گە قارشى  134 ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر زسولت سېمجېن تەرىپىدىن پارلامېنتقا سۇنۇلغان قانۇن لايىھەسىدە مۇنداق دېيىلىدۇ:

 «ۋېنگىرىيە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ — بولۇپمۇ جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىلىرىنىڭ — سىياسىي تەسىر كۆرسىتىش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ.»

نېتانياھۇ ۋېنگىرىيەنىڭ  خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدىن ئايرىلىش قارارىنى «دادىل ۋە پىرىنسىپلىق بىر قارار» دەپ ئاتىدى.

غەززەدە ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلماقتا.

بىر دۆلەتنىڭ  خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدىن چېكىنىپ چىقىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىنغاندىن بىر يىل كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى