تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ مەدىنەدىكى پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرگە قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
«سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان، ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇقەددەس قىممەت قاراشلىرىنى نىشان قىلغان بۇ ئىغۋاگەرچىلىك ھۇجۇملىرى دەرھال ۋە شەرتسىز توختىتىلىشى كېرەك.»
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ مەدىنەدىكى پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرگە قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
تۈركىيە يەمەندىكى ھۇسىيلارنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى مەسجىدى نەبەۋىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرگە قاراتقان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەمەندىكى ھۇسىيلارنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە مەسجىدى نەبەۋىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرگە قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

مىنىستىرلىق ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇمى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھۇسىيلارنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە مەسجىدى نەبەۋىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرگە قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان، ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇقەددەس جايلىرىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان بۇ ئىغۋاگەرچىلىك ھۇجۇملىرى دەرھال ۋە شەرتسىز توختىتىلىشى كېرەك.»

تۈركىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننى قەتئىي قوللايدىغانلىقى قايتا تەكىتلەنگەن باياناتتا، رايوندىكى جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغان قەدەملەردىن ساقلىنىش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، يەمەندىكى ھۇسىيلارنىڭ ئۈچ كۈن ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە شەھىرىدىكى تەيبە ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى