سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە ئىستانبۇل تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن كىيېۋنىڭ تەستىقىنى كۈتمەكتە
رۇسىيە ئىستانبۇل تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن كىيېۋنىڭ تەستىقىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى، ئۇكرائىنا تىنچلىق شەرتلىرىنى ئاللىبۇرۇن سۇنغانلىقىنى ۋە موسكۋا ھەربىي ھۇجۇمىنى كۈچەيتىۋاتقان بولغاچقا، سۆھبەتنى كېچىكتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
رۇسىيە ئىستانبۇل تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن كىيېۋنىڭ تەستىقىنى كۈتمەكتە
/ Reuters

كىيېۋنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن موسكۋادىن تىنچلىق شەرتلىرىنى ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلىشىدىن كېيىن، رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ دۈشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يېڭى سۆھبەتكە قاتنىشىش ۋەدىسىنى ھازىرغىچە كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدىكى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار يېقىنقى ئايلاردا كۈچەيدى، ئەمما رۇسىيە ئۇكرائىنانى كۈچەپ بومباردىمان قىلىشىنى داۋاملاشتۇردى ۋە دەرھال ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقلىرىنى قايتا-قايتا رەت قىلدى.

موسكۋا 2-ئىيۇن ئىستانبۇلدا ئۇكرائىنا بىلەن ئىككىنچى قېتىملىق بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق كېلىشىمى ئۈچۈن ئۆز شەرتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر «تەكلىپ لايىھەسى» نى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا يىغىننىڭ پەقەت «تەكلىپ لايىھەسى»نىڭ بىر نۇسخىسىنى ئالدىن كۆرگەندىلا نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما كىرېمل بۇ تەكلىپنى رەت قىلدى.

كىرېمل باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ: «مېنىڭ بىلىشىمچە، تېخىچە ھېچقانداق جاۋاب ئېلىنمىدى... ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ جاۋابىنى كۈتۈشىمىز كېرەك» دېدى ھەمدە كىيېۋنىڭ تىنچلىق شەرتلىرىنى تاپشۇرۇش تەلىپىنىڭ «ئىجابىي ئەمەسلىكى»نى ئېيتتى.

ئۇكرائىنا تىنچلىق كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆز قاراشلىرىنى رۇسىيەگە ئاللىبۇرۇن سۇنغانلىقىنى ۋە موسكۋادىن ئوخشاش ئىشنى قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكىي، رۇسىيەنىڭ «سۆھبەتلەرنى بىكارغا چىقىرىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىۋاتقانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ: «بۇ، رۇسىيەگە يېتەرلىك جازا تەدبىرلىرى ۋە يېتەرلىك بېسىم ئىشلىتىش كېرەكلىكىنىڭ يەنە بىر سەۋەبىدۇر» دېدى.

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېئورگىي تىخىي: «رۇسىيەنىڭ بۇ ھۆججەتنى ھەمبەھرىلىشى ئۈچۈن چاقىرىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە موسكۋانىڭ ھۆججەتنى ئەۋەتىشنى رەت قىلىشى «ئېھتىمالغا يېقىنكى،  لايىھەنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن بولمىغان ئاخىرقى شەرتلەر [ئۇلتۇماتۇملار] بىلەن تولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Türkiye offers to host Russia-Ukraine peace talks

ئىشىكنى تاقىۋالماڭلار

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈشى كۈتۈلۈۋاتقان ئىككىنچى نۆۋەتلىك سۆھبەتتىن ئىلگىرى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانى «دىيالوگ ئىشىكىنى تاقىماسلىق»قا چاقىردى.

16-ماي ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە ئۈچ يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى بىۋاسىتە سۆھبەت پەقەتلا ئەسىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋەدىلىرى بىلەن ئاخىرلاشتى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا دۆلەت تېلېۋىزىيەسىگە بەرگەن باياناتىدا، كىرېملنىڭ ئىلگىرىكى سۆھبەتكە قاتناشقان ئوخشاش سۆھبەت گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بۇ گۇرۇپپىغا 2022-يىلى رۇسىيە ھۇجۇمى باشلانغاندىن بىر قانچە ھەپتە كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتكىمۇ قاتناشقان كىرېمل مەسلىھەتچىسى ۋلادىمىر مېدىنسكىي رەھبەرلىك قىلغانىدى.

16-مايدىكى سۆھبەتتىن كېيىن، ئۇكرائىنا رۇسىيەنى كىيېۋ ھازىرمۇ كونترول قىلىۋاتقان زېمىنلاردىن ۋاز كېچىش تەلىپىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان رېئاللىققا ئۇيغۇن بولمىغان تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

2022-يىلى فېۋرالدا باشلانغان رۇسىيە ھۇجۇمى ئون مىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىدىكى كەڭ رايونلارنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەب بولدى.

رۇس كۈچلىرى ئۇكرائىنانىڭ ناتو [شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى] نىشانلىرىدىن ۋاز كېچىشى ۋە زېمىنىنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرىنى تاشلاپ بېرىشى قاتارلىق تىنچلىق تەلەپلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەڭ مەيدانىدا ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇردى.

رۇسىيە ئارمىيەسى پەيشەنبە كۈنى دونېتسكى ۋە خاركىۋ رايونلىرىدا ئۈچ يېزىنى ئىگىلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ دۈشەنبە كۈنى موسكۋادا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، پەيشەنبە كۈنى كىيېۋغا بېرىپ زېلېنىسكىي بىلەن ئۇچرىشىشى كۈتۈلمەكتە ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تىنچلىق كېلىشىمى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىۋاتقاندا، موسكۋانىڭ ئاشكارا ۋاقىت ئۇتۇش تاكتىكىلىرىدىن بارغانسېرى ئۈمىدسىزلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، چارشەنبە كۈنى پۇتىننىڭ توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا سەمىمىي ياكى ئەمەسلىكىنى «تەخمىنەن ئىككى ھەپتە ئىچىدە» ئېنىقلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇكرائىنادىكى يەرلىك ئەمەلدارلار پەيشەنبە كۈنى رۇسىيەنىڭ كېچىدە 90 دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەمەلدارلار ئۇكرائىنانىڭ بەش فرونت لىنىيەسى رايونىدا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە توپچى ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە يەتتە كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيە كېچىدە ئۈچى موسكۋا ئەتراپىدا بولۇپ، جەمئىي 48 دانە ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئۇرۇپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ترامپ سۆھبەت جەريانىدا رۇسىيەنىڭ شىددەتلىك بومباردىمانلىرىدىن «قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى»نى ئېيتتى، ئەمما موسكۋاغا تېخىمۇ كۆپ جازا تەدبىرلىرىنى قوللىنىش چاقىرىقلىرىنى رەت قىلدى.

كىيېۋ رۇسىيەنى ھۇجۇمىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تىنچلىق مۇساپىسىنى قەستەن كېچىكتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىدى.

زېلېنىسكىي بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا رۇسىيەنىڭ سۇمى فرونتىدا 50 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر «توپلىغانلىقىنى» ۋە موسكۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنىدا پۇتىن «تەڭپۇڭ» دەپ ئاتىغان بىر رايوننى قۇرۇپ چىقىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Erdogan urges Russia, Ukraine to avail Istanbul talks for lasting peace

ئىزدىنىڭ
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى