خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران پارلامېنت باشلىقى: ئامېرىكا خەلقى ئۇرۇشقا ياق دېدى، بىز بۇ ئۇچۇرنى قوللايمىز
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىكى مەغلۇبىيىتىگە مەلۇم جەھەتتىن ئىران ئۇرۇشىنىڭ سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
ئىران پارلامېنت باشلىقى: ئامېرىكا خەلقى ئۇرۇشقا ياق دېدى، بىز بۇ ئۇچۇرنى قوللايمىز
Ghalibaf

ئىران پارلامېنتى باشلىقى مۇھەممەد باقىر قالىباف ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ قېتىملىق ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدا، رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە ئاساسەن دېموكراتلارنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئامېرىكا خەلقى ئۇرۇشقا ‹ياق› دېدى، بىز خەلقنىڭ بۇ ئۇچۇرىنى قوللايمىز» دېدى.

قالىباف X ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا ئېلان قىلغان يازمىسىدا سايلامنىڭ رەسمىي بولمىغان نەتىجىلىرىگە باھا بېرىپ، مۇنداق دېدى:

«ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خەلقئارادىكى كۈچ مەركەزلىرىگە ۋە تەھدىت بىلەن مەنپەئەت ئۈندۈرىدىغان كۈچلەرگە خىزمەت قىلىمەن دەپ، ئۆز خەلقىنىڭ ئىرادىسىنى كۆزگە ئىلمىسا، ئىراننىڭ ‹ياق› دېيىشىنىڭ قانداق قاباھەتلىك چۈشلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. بۇ بىر ۋىجدان مەسىلىسىمۇ ياكى تەننەرخ مەسىلىسىمۇ؟ ئامېرىكا خەلقى ئۇرۇشقا ياق دېدى، بىز ئۇلارنىڭ بۇ ئۇچۇرىنى قوللايمىز.»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئۇچرىغان بۇ مەغلۇبىيەتكە ئىرانغا قارشى داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ قىسمەن سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كېڭەش پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، ئاۋام پالاتاسىدىمۇ دېموكراتلاردىن ئارقىدا قالغاندىن كېيىن، ترامپ «ۋال سترېت ژۇرنىلى» (Wall Street Journal) غا سۆز قىلدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ سايلامدا خەلقنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا ئىرانغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ سەۋەب بولغان ياكى بولمىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا قارىتا، ترامپ: «ئىران مەسىلىسىمۇ بۇنىڭ بىر قىسمى ئىدى» دەپ جاۋاب بەردى.

ئەمما، ترامپ ئىران ئۇرۇشى مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ئىككىلەنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «مەن توغرا ئىشنى قىلدىم. ئەگەر يەنە شۇنداق ئەھۋالغا يولۇقسام، يەنە شۇنداق قىلىمەن» دېدى.

رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە دېموكراتلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدىمۇ ۋە ئاۋام پالاتاسىدىمۇ كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن.

ئىزدىنىڭ
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش پىلانىمىز يوق»
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي غەززەدە 3 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
مىنىستىر فىدان: «خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشىغا ھەسسە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز»
تۈسەب (TÜSEB) ئەزىز سانجار ئىلىم-پەن، خىزمەت ۋە ئىلھاملاندۇرۇش مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى
ئوكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ئىستانبۇلدا ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا
ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوۋغا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەردى
تۈركىيە فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇنى ب د ت باش كاتىپلىقىغا نامزات كۆرسەتتى
فىدان ئامېرىكادا ماركو رۇبىيو بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈرلۈك دىپلوماتىك سۆھبەتلەردە بولدى
زېلېنسكىي: تۈركىيەدە مۇھىم سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ئىرانغا قارشى «ئۈزلۈكسىز ئۇرۇش» ئېھتىماللىقىنى رەت قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەگە 10 ھەربىي يۈك ئايروپىلانى ئەۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى
رۇسىيە ئۇكرائىناغا تەۋە 1214 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ كېچىچە رۇسىيەنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى
رۇسىيەنىڭ پويىز ئىستانسىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 14 كىشى قازا قىلدى
كىرىپتو پۇل سۇپىسى بىنەنسە (Binance) چوڭ بىر تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
فلاۋىيو بولسونارو ئامېرىكىغا قاچتى. تىرامپ بىرازىلىيە سايلىمىنى «نومۇس قىلارلىق» دەپ سۈپەتلىدى