ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ئىراندىن دەرھال ئايرىلىشقا چاقىردى

ئىراندا نامايىشلارنىڭ دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ئىراندىن دەرھال ئايرىلىشقا چاقىردى.

By
ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ئىراندىن دەرھال ئايرىلىشقا چاقىردى / Reuters

تېھران ھاكىمىيىتىگە بولغان بېسىم كۈچىيىۋاتقان، ئاقسارايدا تور، پىسخىكىلىق ۋە ھەربىي ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەر داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ئىراندىن دەرھال ئايرىلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى.

ئامېرىكانىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق تور ئەلچىخانىسى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋادلىشىشىغا ئەگىشىپ، دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي ئىراندىن دەرھال ئايرىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى.

ئاگاھلاندۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى:

« ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە تايانماي تۇرۇپ، ئىراننى دەرھال تەرك ئىتتىڭلار. تەرك ئېتەلمىگەن تەقدىردە، تۇرالغۇلىرىڭلاردا ياكى بىخەتەر بولغان باشقا بىنالاردا بىخەتەر جاي تېپىۋېلىڭلار.»

ئاگاھلاندۇرۇشتا، ئىراندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقان تور ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋاللىرىغا تەييارلىق قىلىپ قويۇشى، باشقا ئالاقە قىلىش يوللىرىنى پىلانلىشى، ئەگەر بىخەتەر بولسا، قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق ئەرمېنىيە ياكى تۈركىيەگە ئۆتۈپ، ئىراننى تەرك ئېتىشنى ئويلىشىشى تەلەپ قىلىندى.

ئىران – ئامېرىكا قوش پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ ئىران پۇقرالىق پاسپورتى بىلەن چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكى بايان قىلىنغان باياناتتا؛ ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ قوش پۇقرالىقنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقى، بۇ كىشىلەرگە پەقەت ئىران پۇقراسى سۈپىتىدىلا مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى:

«ئامېرىكا پاسپورتىنى كۆرسىتىش ياكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىسپاتلاش ئىران دائىرىلىرىنىڭ بىرەرسىنى قولغا ئېلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.»

ترامپ ھاكىمىيىتى ئىرانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ۋە مەخپىي تاللاشلار ھەققىدە ئويلانماقتا

دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارغا قارىتا بېسىملار داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىران بىلەن سودا قىلىۋاتقان «ھەرقانداق» دۆلەتكە %25 تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

ترامپ ئىران دائىرىلىرىنىڭ نامايىشلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن نامايىشچىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغان دەرىجىدە كۈچ ئىشلەتكەن تەقدىردە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى بىلەن كۆپ قېتىم تەھدىت سالغان بولسىمۇ، لېكىن تېھران بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە قىزىقىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.

ئاشكارىلانغان دوكلاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ترامپقا ئادەتتىكى ھاۋا ھۇجۇملىرى بىلەن بىرگە، ئىرانغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشنىڭ تۈرلۈك پىلانلىرى ھەققىدە دوكلات سۇنۇلغان. «CBS News» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كەڭ دائىرىلىك ھەربىي ھەرىكەتلەر ۋە مەخپىي ۋاسىتىلەر؛ ئىراننىڭ قۇماندانلىق قۇرۇلمىسىنى، ئالاقىسىنى ۋە دۆلەت تاراتقۇلىرىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشنى مەقسەت قىلغان تور ھۇجۇملىرى ھەم پىسخىكىلىق تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

پېنتاگوننىڭ ئىككى نەپەر ئەمەلدارىنىڭ باياناتى نەقىل كەلتۈرۈلگەن خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە؛ تور ۋە پىسخىكىلىق ھۇجۇملار ئايرىم-ئايرىم ياكى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن بولۇپ، بۇ ھەقتە تېخى ئاخىرقى قارار چىقىرىلمىغان. بۇنىڭدىن باشقا، ترامپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك گۇرۇپپىسىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاقسارايدا يېڭىلانغان ئىران ھەققىدىكى پىلانلارنى مۇزاكىرە قىلىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

ترامپ يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراندا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە نامايىشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ «ناھايىتى كۈچلۈك تاللاشلار» ئۈستىدە ئويلىشىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى. ترامپ ئامېرىكانىڭ قاچان، قەيەردە ۋە قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمەستىن پەقەت: «بىر قارار چىقىرىمىز» دېدى ھەمدە ئىران ھەققىدە ھەر سائەتتە بىر ئۇچۇر ئىگىلەۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.