ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئامېرىكا ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن ئىسرائىلىيەگە قارشى ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەردى
ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش قىسمى ئەمەلدارى ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ «ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغان سىئونىست ھاكىمىيەتنى جانلاندۇرۇشنى» مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىران ئامېرىكا ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن ئىسرائىلىيەگە قارشى ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەردى
ئىران ئامېرىكا ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن ئىسرائىلىيەگە قارشى ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەردى / Reuters

ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسى (IRGC) ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ ئۈچ يادرو ئوبيېكتىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن ئىسرائىلىيەگە قارشى ھۇجۇملىرىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش قىسمى بولغان خاتەم ئەل-ئەنبىيا قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم زۇلفەقارى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر سىنلىق باياناتىدا: «جىنايەتچى ئامېرىكا سىئونىست ھاكىمىيەتنىڭ تاجاۋۇزچىلىق پوزىتسىيەسىنى تولۇق قوللاش ئارقىلىق تۈنۈگۈن كېچە ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئوچۇق-ئاشكارا دەخلى-تەرۇز قىلدى. ئىران بىلەن بىۋاسىتە ئۇرۇشقا كىردى ۋە ئىراننىڭ مۇقەددەس زېمىنىغا رۇخسەتسىز باستۇرۇپ كىردى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

زۇلفەقارى ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ نىشانلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ «ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغان سىئونىست ھاكىمىيەتنى جانلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى» بىلدۈردى.

ئىرانلىق باياناتچى ئامېرىكانىڭ ھۇجۇمىغا «كۈچلۈك ۋە نىشانلىق ھەرىكەتلەر بىلەن» جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقلىرىنى ۋە بۇنىڭ «كۆزدە تۇتۇلمىغان ئاقىۋەتلەرنى» كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيەنىڭ تېھراندىكى ئېۋىن تۈرمىسىنى نىشان قىلغان ھۇجۇمى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى دۈشەنبە كۈنى ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىكى نىشانلارغا قارىتا يېڭى بىر قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمى دولقۇنىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسرائىل كاتز: «ئارمىيە ھازىر تېھراننىڭ مەركىزىدىكى ھاكىمىيەت نىشانلىرىغا ۋە زالىم ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا مىسلى كۆرۈلمىگەن كۈچ بىلەن زەربە بېرىۋاتىدۇ» دېدى ۋە ھۇجۇملارنىڭ ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسىگە قاراشلىق يېرىم ھەربىي تەشكىلات بولغان بەسەج (خەلق ئەسكەرلىرى) قوماندانلىق ئىشتابىنى ۋە تېھراننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئېۋىن تۈرمىسىنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

«The Times of Israel»  خەۋەر مەنبەسى تۈرمىنىڭ مەھبۇسلارنىڭ قېچىشىغا قۇلايلىق يارىتىش مەقسىتىدە نىشان قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئارمىيە باياناتچىسى ئەفى دېفرىن: «ھازىر ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانلىرى ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنى مەركەز قىلىپ، تېھران رايونىدىكى ھۇجۇملارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.

دېفرىن ئىراننىڭ مەركىزىدە دەرھال قويۇپ بېرىشكە تەييار ھالەتتە تۇرغان ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سۇپىسىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقلىرىنى سۆزىگە قوشۇپ ئۆتتى. ئارمىيە ھۇجۇملارنىڭ يەنە ئىران ئارمىيەسىگە ۋە ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسىنىڭ سەييىد ئەل-شۇھەدا قىسمىغا تەۋە بىر قانچە قوماندانلىق مەركىزىنى، شۇنداقلا دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئومۇمىي ئىستىخبارات باشقارمىسىنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئارمىيەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى ئىككى سائەت ئىچىدە تېھراندىكى نىشانلارغا 100 دىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلغان.

ئىراننىڭ يېرىم ھۆكۈمەت تەرەپدارى بولغان «تەسنېم» ئاگېنتلىقى، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا تېھراندىكى قىزىل ئاي جەمئىيىتى ئىشلىتىۋاتقان بىر بىنانىڭ نىشان قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بۇ يېڭى ھۇجۇملار ئىراننىڭ دۈشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ مەركىزى ۋە شىمالىغا بىر قاتار باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش تېخىمۇ كېڭەيدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - US boosts military existence in Middle East to defend Israel

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ فوردو، ناتانز ۋە ئىسفاھاندىكى ئۈچ ئىران يادرو ئوبيېكتىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ ھۇجۇملار 13-ئىيۇندىن بۇيان ئامېرىكا قوللىغان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھەربىي ھۇجۇملىرىدىن كېيىنكى جىددىي ۋەزىيەتنى كۈچەيتىۋەتكەن بولۇپ، تېھرانمۇ ئىسرائىلىيەگە ئۆچ ئېلىش ھۇجۇملىرىنى قوزغىغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى شۇ ۋاقىتتىن بۇيان ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 25 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە يۈزلىگەن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىران سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئىراندا 430 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 3500 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.


مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى