خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
دۇنيا مىقياسىدا 1000 دىن ئارتۇق ئالىم غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقى قىلغان ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويدى
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقى قىلغان ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويغۇچىلار ئارىسىدا ئوتتۇرا شەرقتىكى «نەپرەت، ئۆلۈم ۋە ۋەيرانچىلىق» نى ئەيىبلىگەن نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى نېرۋا سىستېمىسى مۇتەخەسسىسلىرىمۇ بار.
00:00
دۇنيا مىقياسىدا 1000 دىن ئارتۇق ئالىم غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقى قىلغان ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويدى
دۇنيا مىقياسىدا 1000 دىن ئارتۇق ئالىم غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقى قىلغان ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويدى / Reuters

ئىسپانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى EFE نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا مىقياسىدا 1000دىن ئارتۇق ئالىم، ئاساسلىقى پىسخولوگلار ۋە نېرۋا سىستېمىسى ئىلمى مۇتەخەسسىسلىرى پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقى قىلغان ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىسرائىلىيەگە خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان بىر ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويغان.

 ئىمزا قويغۇچىلار ئارىسىدا نورۋېگىيەلىك نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ماي-برىت موسېر بىلەن ئېدۋارد موسېر ۋە ياپونىيەلىك سۇسۇمۇ تونېگاۋا قاتارلىقلارمۇ بار.

 كاخال ئىنستىتۇتىدىن سۈنئىي ئەقىل ۋە روبوت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى پابلو لانىللوس قاتارلىق بىرقانچە ئىسپانىيەلىك تەتقىقاتچىمۇ  ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويدى.

 لانىللوس ئىسپانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى EFE گە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ چاقىرىقنىڭ تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، چۈنكى بۇ چاقىرىقنى نېرۋا ئىلمى مۇتەخەسسىسلىرى قىىلىۋاتىدۇ؛ چوڭ مېڭىنىڭ بۇ خىلدىكى توقۇنۇشلارنى قانداق قوبۇل قىلىدىغانلىقى ۋە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەر قىلىۋاتىدۇ.

ئوچۇق خەتتە، ھاماسنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىكى ھۇجۇملىرى، يەھۇدىيلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بۇرۇن باشلانغان توقۇنۇشتىن تارتىپ غەززەدە 48 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئۆلتۈرگەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆتكۈزگەن «سان - ساناقسىز ئۇرۇش جىنايەتلىرى» قاتارلىق بارلىق تەرەپلەرنىڭ قىلغان زوراۋانلىقلىرى ئەيىبلەنمەكتە.

 «تىنچلىق پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ بىرلىكتە ياشاش مەنبەسىدۇر»

 ئالىملار رايوننىڭ تىنچلىق ئىچىدە بىرگە ياشاش ئېھتىماللىقىنى يوققا چىقىرىدىغان ۋەيران قىلغۇچى زوراۋانلىقلار ۋە ئىنتىقام ئېلىش چەمبىرىكىگە قاپسىلىپ قالغانلىقىنى،  «نەپرەت، ئۆلۈم ۋە ۋەيرانچىلىق» نىڭ ھەممە ياقنى قاپلاپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

 ئىسپانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى EFE نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوچۇق خەتتە ئىنسان پىسخولوگىيەسىنىڭ دائىم توقۇنۇشقۇچى گۇرۇپپىلار ئارىسىدىكى پەرقلەرنى كۈچەيتىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئومۇميۈزلۈك ھېسداشلىق ۋە ھەمكارلىق ئىقتىدارىغا ئىشارەت قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.

 ئالىملار خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىسرائىلىيەگە ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرماقتا؛ بۇ چاقىرىق ئىسرائىلىيەگە قورال سېتىشنى توختىتىش ياكى ئىسرائىلىيە بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىملىرى تۈزۈشنى قايتا ئويلىنىش قاتارلىق تەلەپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 ئوچۇق خەتتە مۇنداق دېيىلمەكتە:

«بىز ئىسرائىلىيە خەلقىگە قارشى ئەمەسمىز. مەيلى ئىسرائىلىيەلىكلەر بولسۇن، مەيلى پەلەستىنلىك ۋە لىۋانلىقلار بولسۇن، بارلىق خەلقلەر ھەردائىم بىزنىڭ دوستىمىزدۇر.»

ئالىملار ئىسرائىلىيەنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسەتلىرىنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە ئورنىنى تولدۇلغىلى بولمايدىغان ئېغىر زىيانلارنى يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆز خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى خەۋپكە ئىتتىرىۋداتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

 بۇ ئوچۇق خەت فىرانسىيەدىكى سوربوننې ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن  ئامېرىكادىكى پىرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى
ئامېرىكانىڭ بەزى ئىشتاتلىرىدا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامغا بېلەت تاشلاش باشلاندى
باڭلادېشتا قىزىل كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلغان بالىلار سانى 1201 گە يەتتى