خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ستارمېرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى
ئەنگلىيە باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى بولغان دوۋنىڭ ستېرىت (Downing Street)، كەير ستارمېرنىڭ ھۆكۈمىتىگە قارىتا گۇمانلار ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، دۆلەتكە داۋاملىق خىزمەت قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ترامپ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ستارمېرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى
ترامپ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ستارمېرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى / Reuters

ئامېرىكا پېرىزىدېنتى دونالد ترامپ، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كەير ستارمېرنىڭ كۆچمەنلەر ۋە ئېنېرگىيە سىياسەتلىرىدىكى مەغلۇبىيەتلىرىنى سەۋەب كۆرسىتىپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ بايانات، ئەنگلىيە رەھبىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئىستېپا بېرىش ئۈچۈن بىر ۋاقىت جەدۋىلى بېكىتىشى مۇمكىنلىكى يۆنىلىشىدىكى كەڭ تارقالغان پەرەزلەرنىڭ نەق ئوتتۇرىسىغا توغرا كەلدى.

ترامپ «Truth Social» سۇپىسىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا: «كەير ستارمېر، ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى سۈپىتىدە ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدۇ. ئۇ ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئىككى مەسىلىدە، كۆچمەنلەر ۋە ئېنېرگىيە (يەنى شىمالىي دېڭىز نېفىتىنى ئېچىش)  مەسىلىسدە ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. مەن ئۇنىڭغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيمەن!» دېدى.

BBC يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ھۆكۈمەت ئىچىدىكى نۇرغۇن مەنبەلەرگە تايىنىپ بەرگەن خەۋىرىدە، ھۆكۈمەت ئىچىدىكى كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن بىرگە ستارمېرنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئىستېپا ئۈچۈن بىر ۋاقىت جەدۋىلى بېكىتىشى مۇمكىنلىكىنى يەتكۈزگەن ئىدى.

ئاقسارايدىن ئىچكى سىياسەت مەسىلىسىدە تەنقىد

ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئۇچۇرىدا ئەنگلىيەنىڭ ئوتتۇرا سولچىل جۇمھۇرىيەتچى ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ لىدېرى ستارمېرنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ ئۈنۈمسىز سىياسەتلىرىنىڭ ئۆز سىياسىي ۋەيرانچىلىقىنىڭ ئارقىسىدىكى بىردىنبىر سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى شىمالىي دېڭىزدا يېڭى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىزدەشنى توڭلىتىش قارارىدىن يېنىشقا چاقىردى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ شامال ئېنېرگىيە پونكىتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

ئامېرىكا پېرىزىدېنتىنغا يېقىنلىقى سەۋەبىدىن «ترامپقا پىچىرلىغۇچى ئادەم» دەپ تىلغا ئېلىنغان ستارمېر، يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئىراندا يۈز بېرىۋاتقان ئۇرۇش بىلەن باغلىنىشلىق ھالدا ئامېرىكىلىق سەپدىشى تەرىپىدىن قويۇق تەنقىدلەرگە دۇچ كەلدى.

ئىزدىنىڭ
ئىران ئامېرىكانىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىسلامئاباد كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
ئەردوغاننىڭ «15-ئىيۇل: تۈركىيە ئەسىرىنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى
15-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشى ۋە خەلقنىڭ قەھرىمانلارچە قارشىلىق كۆرسىتىشى
ئەردوغان پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى مۇنىرنى قوبۇل قىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان ئۇكرائىنا تېمىلىق «ئىختىيارىي ئىتتىپاقداشلار باشلىقلار يىغىنى» غا قاتناشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتاردا زىيارەتتە بولىدۇ
ترامپ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن %20 ئۆتۈش ھەققى تەلەپ قىلدى، ئاراقچىدىن مەسخىرىلىك جاۋاب كەلدى
ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتز غەززەنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى
ش ق ت ج ياۋروپانىڭ ۋەكىل تەيىنلىشىنى رەت قىلىپ، ھەل قىلىش سۆھبەتلىرىدە باراۋەر سالاھىيەت تەلەپ قىلدى
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا دا سىلۋا ترامپنى «قاراقچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈنۈگۈن كېچىمۇ داۋاملاشتى
تېررورلۇق تەشكىلاتى «فەتو» دېگەن نېمە؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىدىن تالىپ گۈلەرنى قولغا چۈشۈردى
پۈتكۈل تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تاپقان ByLock پىروگراممىسى
ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوت قاتنىشى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى