خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان كېمىگە زەربە بەردى
بۇ ھۇجۇم كارىب دېڭىزىدا ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئۈچ كىشى قازا قىلغان ئالدىنقى ھۇجۇمدىن 10 كۈن كېيىن يۈز بەردى. ھۇجۇمدا 4 كىشى ئۆلتۈرۈلدى.
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان كېمىگە زەربە بەردى / AFP Archive

ئامېرىكا غەربىي يېرىم شار قوشما ۋەزىپە ئۆتەش قىسمى، كارىب دېڭىزىدا مەلۇم بولغان زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى لىنىيەلىرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تېز سۈرئەتلىك بىر كېمىگە ھۇجۇم قىلدىئ ھۇجۇم ئادەم ئۆلۈش بىلەن نەتىجىلەندى. ئامېرىكا جەنۇبىي قوماندانلىق ئىشتابى ھۇجۇمدا «زەھەرلىك چېكىملىك تېررورچىسى» دەپ قارالغان تۆت كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا جەنۇبىي قوماندانلىق ئىشتابى شەنبە كۈنى X تىكى باياناتىدا، ھۇجۇمنىڭ ئۆز قوماندانلىقى ئاستىدا ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ۋە ئاخباراتنىڭ مەزكۇر كېمىنىڭ ئاكتىپ ھالدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلىۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «19-سېنتەبىردە، ئامېرىكا جەنۇبىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن غەربىي يېرىم شار قوشما ۋەزىپە ئۆتەش قىسمى، كارىب دېڭىزىدىكى مەلۇم بولغان زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى لىنىيەلىرىدە پائالىيەت كۆرسىتىۋاتقان تېز سۈرئەتلىك بىر كېمىگە ئادەم ئۆلۈش بىلەن ئاخىرلاشقان نۇقتىلىق ھۇجۇم ئېلىپ باردى» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە: «ھەرىكەتتە تۆت نەپەر زەھەرلىك چېكىملىك تېررورچىسى ئۆلتۈرۈلدى» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.

بۇ ھۇجۇم ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «زەھەرلىك چېكىملىك تېررورچىلىرى» دەپ تەسۋىرلىگەن كىشىلەرنى نىشان قىلغان ۋە ئۆتكەن يىلى باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتلەر زەنجىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولدى.

شەنبە كۈنىدىكى بۇ بايانات، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يەنە كارىب دېڭىزىدا ئېلىپ بارغان ۋە ئۈچ كىشى قازا قىلغان ئالدىنقى قېتىمقى ھۇجۇمىدىن 10 كۈن كېيىن ئېلان قىلىندى.

ھەربىي ھەرىكەتلەر باشلانغاندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ كارىب دېڭىزى ۋە شەرقىي تىنچ ئوكياندىكى كېمىلەرگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا 220 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلتۈرۈلدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى