رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شىمالىدىكى چېرنىخىۋغا ئۇچقۇ بىلەن ھۇجۇم قىلغان
ئۇكرائىنا چېرنىخىۋدا رۇسىيەنىڭ ئۇچقۇ ھۇجۇمىدا، ئىككى ئېنېرگىيە خىزمەتچىسىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا چېرنىخىۋدا ئىككى ئېنېرگىيە ئىشچىسىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇچقۇ ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters
ئۇكرائىنا دائىرىلىرى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ كەلگەن پاژارنى خادىملىرىنى نىشانغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
چېرنىخىۋ يەرلىك دائىرىلىرى جۈمە كۈنى كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ئۇچقۇسىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شىمالىدىكى چېرنىخىۋ رايونىدا بىر ماشىنىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ھۇجۇمدا رايونلۇق ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ ئىككى خىزمەتچىسىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، ئۈچ خىزمەتچىسىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
چېرنىخىۋ رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى ۋىياچېسلاۋ چاۋۇس تېلېگرام بېتىدە، بۇ ھۇجۇمنىڭ جۈمە (10-ئۆكتەبىر) كۈنى سېمېنىۋىسكا مەھەللىسىدە يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ: «رۇسىيەنىڭ ئۇچقۇسى رايونلۇق ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ ماشىنىسىغا ھۇجۇم قىلدى. ماشىنا كۆيۈپ كەتتى، شۇ جەرياندا ئىككىنچى قېتىم شىركەتنىڭ يەنە بىر ماشىنىسىغا ھۇجۇم قىلىندى» دېدى.
ئۇ يەنە، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ كەلگەن پاژارنى خادىملىرىنى نىشانغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
رۇسىيە ھازىرغا قەدەر بۇ ھۇجۇم توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.
داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى مۇستەقىل ھالدا دەلىللەش ناھايىتى قىيىن.