سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە: ئۇكرائىناغا قىلىنىۋاتقان بېسىمنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز
كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پەسكوۋ رۇسىيەنىڭ نىشانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن ئۇكرائىنا ھاكىمىيىتىگە قىلىنىۋاتقان بېسىمنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
رۇسىيە: ئۇكرائىناغا قىلىنىۋاتقان بېسىمنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز
رۇسىيە: ئۇكرائىناغا قىلىنىۋاتقان بېسىمنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز

دمىترىي پەسكوۋ پايتەخت موسكۋادا مۇخبىرلارنىڭ كۈنتەرتىپتىكى بەزى مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتىگە مەسئۇل ئالىي ۋەكىلى كاجا كاللاسنىڭ رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش ۋە موسكۋاغا قىلىنىۋاتقان بېسىمنى ئاشۇرۇش ھەققىدىكى باياناتىغا باھا بەرگەن پەسكوۋ: «رۇسىيە بېكىتىلگەن نىشانلارغا يېتىش ئۈچۈن كىيېۋ ھاكىمىيىتىگە قىلىنىۋاتقان بېسىمنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ» دېدى.

پەسكوۋ رۇسىيە باش ئىشتاب باشلىقى ۋالېرىي گېراسىموۋنىڭ، ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋ ۋە باشقا ئولتۇراق رايونلاردىكى نىشانلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان قويۇق ھۇجۇملارنىڭ نەتىجىسى توغرىسىدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنغا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ھۇجۇملارنىڭ پەقەت ھەربىي ياكى ھەربىي جەھەتتىن چېتىشلىقى بار نىشانلارغا قارىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن دمىترىي پەسكوۋ، ياۋروپانىڭ بولسا رۇسىيە بىلەن بولغان جىددىيچىلىكنى ئەۋج ئالدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «قوراللىنىش» ۋە رۇسىيە بىلەن توقۇنۇشۇش يولىغا كىرگەنلىكىنى، موسكۋانىڭ بۇ ئۆزگىرىشلەرگە سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بۈگۈن ئۇكرائىناغا 74 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 496 دانە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى
ئۇكرائىنا رۇسىيەدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى
قىرغىزىستان نېفىت ئىمپورت قىلىش تورىنى كېڭەيتمەكتە
ھىندونېزىيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مۇداپىئە ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران باش ئىشتاب باشلىقى: دۈشمەننىڭ يېڭى تەھدىتلىرىگە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
نىگېرىيەدە كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 52 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياپونىيە ئويۇنخانىغا ئوت قويۇپ 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
گۇتېررېس رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ۋە باشقا ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئامېرىكانى تېھرانغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «تاجاۋۇزچى» تەرەپ دەپ ئەيىبلىدى
پاكىستان ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى