ئىقتىساد
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى ماگناتى ئاسەلسان 171 مىليون دوللارلىق ئېكسپورت كېلىشىمى ئىمزالىدى
مەزكۇر كېلىشىم ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر خېرىدارغا ئىنسانسىز دېڭىز ئۈستى ۋاسىتىلىرى ئۈچۈن ئالاقە سىستېمىلىرى ۋە يۈك سىستېمىلىرىنى بىۋاسىتە سېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى ماگناتى ئاسەلسان 171 مىليون دوللارلىق ئېكسپورت كېلىشىمى ئىمزالىدى
تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى ماگناتى ئاسەلسان 171 مىليون دوللارلىق خەلقئارالىق ئېكسپورت كېلىشىمى ئىمزالىدى / AA

تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى ماگناتى ئاسەلسان دۈشەنبە كۈنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا پائالىيەت قىلىدىغان بىر خېرىدار بىلەن 171 مىليون دوللار قىممىتىدە خەلقئارالىق سېتىش كېلىشىمنى ئىمزالىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

شىركەت تۈركىيەنىڭ ئاممىۋى ئۇچۇر ئاشكارىلاش سۇپىسى (KAP) دا ئېلان قىلغان باياناتىدا، كېلىشىمنىڭ ئىنسانسىز دېڭىز ئۈستى ۋاسىتىلىرى ئۈچۈن ئالاقە سىستېمىلىرى ۋە يۈك سىستېمىلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى، ئەمما خېرىدارنىڭ ئىسمى ئاشكارىلانمىدى.

مەركىزى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەگە جايلاشقان ئاسەلسان 1975-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ مۇداپىئە شىركەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ، ھەمدە دۇنيا مىقياسىدا ئۆز ساھەسى بويىچە ئالدىنقى 50 شىركەت قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

 «Defence News Top 100» تىزىملىكىدە 42-ئورۇندا تۇرىدىغان ئاسەلسان، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى ئېكسپورتنى كېڭەيتىش ۋە خەلقئارالىق زاكاز فوندىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق يەر شارى خاراكتېرلىك تەسىرىنى ئاشۇرۇپ، ئالدىنقى 30 شىركەت قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشنى نىشان قىلماقتا.

ئاسەلسان 2025-يىلى تۈرلۈك كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان بولۇپ، يېقىندا ئېلان قىلىنغان توققۇز ئايلىق مالىيە كۆرسەتكۈچىگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارالىق سېتىشتىن 1 مىليارد 400 مىليون دوللار قىممىتىدە كۈتۈلۈۋاتقان زاكاز شەكىللەندۈرگەن.

بۇ رەقەم ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 171 لىك ئېشىشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئاسەلساننىڭ يېڭى ئىمزالانغان كېلىشىملىرىنىڭ تەخمىنەن % 25 ى بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك چەت ئەلگە سېتىش سودىسىدىن تەشكىل تاپىدۇ.

ئىزدىنىڭ
گالاتاساراي فىرانسىيەدىن 3 نومۇر بىلەن قايتتى
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتىگە 3 يىلدا تەخمىنەن ئىككى مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رادېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
كرېمىل: رۇسىيە–ئۇكرائىنا–ئامېرىكا مۇزاكىرىسىنى نويابىردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارس قولتۇقىدا تۆت پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
پادىشاھ فەھد ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى
كانادا باش مىنىستىرى كارنىي تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فەرگانىنىڭ ئالتىنچى سۈنئىي ھەمراھى ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى