ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشىدىن كېيىن مېدۋېدېۋ ئاگاھلاندۇردى
مېدۋېدېۋ ناتونىڭ رۇسىيەگە قارشى سىياسىتى نەتىجىسىدە، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش قارارى چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىشنى  ۋاقتىنچە توختىتىشىدىن كېيىن مېدۋېدېۋ ئاگاھلاندۇردى
/ Reuters Archive

رۇسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دمىترى مېدۋېدېۋ موسكۋانىڭ قىسقا ۋە ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىشلىتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشىنىڭ جاۋابكارىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەللىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مېدۋېدېۋ دۈشەنبە كۈنى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار ۋاقىتلىق كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىش قارارى، ناتو ئەللىرىنىڭ رۇسىيەگە قارشى سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

بۇ، بارلىق رەقىبلىرىمىزنىڭ نەزەردە تۇتۇشىغا تېگىشلىك يېڭى بىر رېئاللىقتۇر. كېيىنكى قەدەملەرنى كۈتۈڭلار.»

مېدۋېدېۋنىڭ بۇ سۆزلىرى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «ئوتتۇرا مۇساپىلىك يادرو قوراللىرى كېلىشىمى» (INF) دائىرىسىدە «ئىلگىرى قوبۇل قىلغان چەكلىمىلەرگە ئەمدى بويسۇنمايدىغانلىقىنى» ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

1987-يىلى ئىمزالانغان بۇ كېلىشىم، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 500 كىلومېتىردىن 5500 كىلومېتىرغىچە يېتىپ بارالايدىغان بارلىق يادرو قوراللىرى ۋە ئادەتتىكى قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى يوقىتىشنى ھەم بۇ خىل قورال – ياراغلارنى ئۈزۈل - كېسىل مەنئىي قىلىشنى تەلەپ قىلاتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار

 «ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئېھتىيات قىلىڭلار»

 

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ تۇنجى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە، رۇسىيەنىڭ كېلىشىمگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 2019-يىلى «ئوتتۇرا مۇساپىلىك يادرو قوراللىرى كېلىشىمى» دىن چېكىنىپ چىققانىدى. رۇسىيە بولسا بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغانىدى.

موسكۋانىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى بۇ باياناتى، ترامپنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكانىڭ ئىككى سۇ ئاستى يادرو پاراخوتىنى «رۇسىيەگە يېقىن» جايغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

بۇ قەدەم، يېقىنقى مەزگىللەردە ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بىلەن كەسكىن مۇنازىرىلەرگە كىرگەن مېدۋېدېۋغا بېرىلگەن بىر جاۋاب دەپ قارالماقتا.

 كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ يادرو مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق باياناتقا «ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن» مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ۋە موسكۋانىڭ بۇ مەسىلىدە «مەسئۇلىيەتچان بىر پوزىتسىيە» تۇتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پېسكوۋ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى:

«رۇسىيە يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىگە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، بىز ھەممەيلەننىڭ يادرو قوراللىرىلىرىغا دائىر باياناتلارنى بەرگەندە ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئېھتىيات قىلىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز.»

ترامپ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرمىغان تەقدىردە رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالغان ئىدى.

ئۇ، ئالاھىدە ئەلچى ستېۋ ۋىتكوفنىڭ يەكشەنبە كۈنى رۇسىيەنى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكا ئېمبارگوسى ئۈچۈن بېكىتىلگەن ئاخىرقى مۆھلەتتىن بۇرۇن رۇسىيە تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى