ئىقتىساد
1 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي ياپونىيەدىن دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلىشقا قويغان چەكلىمىنى قىسمەن ئەمەلدىن قالدۇردى
خىتاي فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن تازىلانغان رادىيوئاكتىپلىق كېرەكسىز سۇنىڭ تىنچ ئوكيانغا قويۇپ بېرىلگەنلىكى سەۋەبىدىن، 2023-يىلى ئومۇميۈزلۈك ئىمپورت چەكلىمىسى يولغا قويغانىدى.
خىتاي ياپونىيەدىن دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلىشقا قويغان چەكلىمىنى قىسمەن ئەمەلدىن قالدۇردى
/ AP

خىتاي تاموژنا ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ياپونىيە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتىغا قارىتىلغان ئۇزۇن يىللىق چەكلەش قىسمەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئىدارىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەزكۇر قارارنىڭ خەلقئارالىق ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئەۋرىشكىلەرنى ئۇزۇن مۇددەت تەكشۈرۈش جەريانىدا ھېچقانداق بىنورماللىق بايقالمىغانلىقى ئۈچۈن چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، توكيو ۋە فۇكۇشىمانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياپونىيەنىڭ 10 رايونىدىن كېلىدىغان بەزى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتايغا ئىمپورت قىلىنىشى يەنىلا چەكلەنمەكتە.

بۇ ئومۇميۈزلۈك چەكلەش، توكيو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ  2023-يىلى 8-ئايدا فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن تازىلانغان رادىيوئاكتىپلىق كېرەكسىز سۇنى تىنچ ئوكيانغا قويۇپ بېرىشكە باشلىغاندىن كېيىن يولغا قويۇلغانىدى.

چەكلىمىنى قىسمەن بىكار قىلىش قارارى بولسا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغاندىن كېيىن قوبۇل قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، ئېكسپورتچىلارنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن رادىيوئاكتىپلىق ماددىلارغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش گۇۋاھنامىسى ئېلىشى شەرت ئىكەن.

«The Japan Times» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە 10 رايونغا قارىتىلغان چەكلىمىنىڭ پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئىزدىنىڭ
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى