ئەنقەرەدە «خەلقئارا قەدىمكى تۈرك تىلى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى
تۈرك دۇنياسى
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەنقەرەدە «خەلقئارا قەدىمكى تۈرك تىلى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدىتۈرك تىل ئورگىنى (TDK) بىلەن ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «خەلقئارا قەدىمكى تۈرك تىلى سېمپوزيۇمى (مۇھاكىمە يىغىنى)»، 4-5-دېكابىر كۈنلىرى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى.
خەلقئارا قەدىمكى تۈرك تىلى مۇھاكىمە يىغىنى / TRT

تۈركشۇناسلىق ساھەسىنىڭ سەركە تەتقىقاتچىلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان بۇ سېمپوزيۇمدا، قەدىمكى تۈرك تىلى مىراسى ھەرتەرەپلىمە مۇھاكىمە قىلىندى.

سېمپوزيۇمنىڭ ئېچىلىش نۇتۇقلىرىنى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور ئېرفان ئالبايراق بىلەن تۈرك تىل ئورگىنى رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئوسمان مەرت سۆزلىدى.

پىروفېسسور دوكتور ئېرپان ئالبايراق سۆزىدە، فاكۇلتېت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتنىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيىتىنى تىلغا ئېلىپ، تۈرك تىلىنىڭ تارىخىي مىراسى ۋە مەدەنىيەت ئىزچىللىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئالبايراق، ئاتاتۈركنىڭ تۈرك تىلىغا بەرگەن ئەھمىيىتىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، فاكۇلتېتنىڭ قەدىمكى تۈرك تىلى تەتقىقاتىدىكى 90 يىللىق جۇغلانمىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. شۇنداقلا، تۈرك تىلىنىڭ پەرقلىق رايونلاردىكى ئىزلىرىنىڭ ئىلمىي ئۇسۇللار بىلەن تەتقىق قىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىغا  ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

تۈرك تىل ئورگىنى رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئوسمان مەرت بولسا، قەدىمكى تۈرك تىلىنىڭ پەقەتلا تارىخىي بىر دەۋر ئەمەس، بەلكى مىللەتنىڭ مەدەنىيەت خاتىرىسىنىڭ جەۋھىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئورخۇندىن ئۇيغۇر ۋە قاراخانىيلار قوليازمىلىرىغىچە سوزۇلغان باي تىل مىراسىنىڭ تۈرك تەپەككۇر دۇنياسىنىڭ ئۇل تاشلىرىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن مەرت، ياش تەتقىقاتچىلارنى بۇ مىراسنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەتقىق قىلىشقا چاقىردى. ئۇ يەنە سېمپوزيۇمنىڭ تۈركشۇناسلىق ئەدەبىياتىغا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئېچىلىش يىغىنىنىڭ رىياسەتچىلىكىنى پىروفېسسور دوكتور سەما بارۇتچۇ ئۆزەندەر ئۈستىگە ئالدى. بۇ يىغىندا «ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئوغۇز داستانى» ۋە خاكاسىيەنىڭ تەپسېي تېغىدىكى غاردىن تېپىلغان قەدىمكى تۈرك پۈتۈكى ھەققىدە دوكلاتلار سۇنۇلدى.

سېمپوزيۇمنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى يىغىنلاردا «قۇتادغۇبىلىك»، ئورخۇن ئابىدىلىرىدىكى بايانچىلىق، قەدىمكى تۈرك تىلى قانۇن ھۆججەتلىرى، كۆك تۈركچىنىڭ سۆز-لۇغەت ئالاھىدىلىكلىرى، قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى سان ناملىرى، تۈرك خاقانلىقى پۈتۈكلىرى قاتارلىق تېمىلار مۇھاكىمە قىلىندى. شۇنداقلا، تېكىست ئايلاندۇرۇشتا سەل قارالغان مەدەنىيەت كودلىرى ۋە قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى سېمانتىكىلىق (مەنىداشلىق) ياساش ئۇسۇللىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.

تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان، ياپونىيە ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردىن تىلشۇناسلار قاتناشقان سېمپوزيۇمغا، تۈرك شېۋىلىرى ۋە تىلشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ زور قىزىقىش بىلەن قاتناشتى.

ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى