سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: كۇبادا ھاكىمىيەت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز گۇمران بولىدۇ
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىران بىلەن داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇش پەسەيگەندىن كېيىن، ۋاشىنگتوننىڭ تاشقى سىياسەت كۈنتەرتىپىدە نۆۋەتنىڭ كۇباغا كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ دۆلەتكە بولغان بېسىمنىڭ كەسكىن تۈستە ئېشىشى مۇمكىنلىكىگە ئىشارەت قىلدى.
ترامپ: كۇبادا ھاكىمىيەت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز گۇمران بولىدۇ
ترامپ: كۇبادا ھاكىمىيەت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز گۇمران بولىدۇ / AP

دونالد ترامپ ئىرانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتتىن كېيىن «نۆۋەت» نىڭ كۇباغا كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە كارىب دېڭىزىغا جايلاشقان بۇ دۆلەتنىڭ يېقىندا گۇمران بولۇشقا يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ يەكشەنبە كۈنى ۋاشىنگتونغا كېتىۋاتقان پىرېزىدېنت ئايروپىلانىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا: «كېيىنكى دۆلەت كۇبا بولىدۇ» دېدى.

كۇبانى «بىر قالايمىقانچىلىق دۆلىتى» دەپ سۈپەتلىگەن ترامپ مۇنداق دېدى: «كۇبا ۋەيران بولغان دۆلەت بولۇپ، ئىراندىن كېيىن نۆۋەت كۇباغا كېلىدۇ، دەرۋەقە، كۇبا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ، بىز ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۇ يەردە بولىمىز، كۇبالىق ئامېرىكالىقلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۇ يەردە بولىمىز.»

رۇسىيە نېفىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك «مەسىلە يوق»

ترامپ نىيۇ يورك تايمىس گېزىتىنىڭ رۇسىيەنىڭ بىر نېفىت توشۇش پاراخوتىنىڭ كۇباغا يېتىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرىگە ئالاقىدار سوئالغا، بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر «مەسىلە يوق» دەپ جاۋاب بەردى.

ترامپ: «بىرسىنىڭ بىر پاراخوت نېفىت سېتىۋېلىشىغا قارشى تۇرمايمىز، چۈنكى ئۇلارنىڭ ياشىشى كېرەك. ئەگەر بىر دۆلەت ھازىر كۇباغا ئازراق نېفىت ئەۋەتمەكچى بولسا، مەيلى رۇسىيە بولسۇن ياكى باشقا دۆلەت بولسۇن، مەن ئۈچۈن مەسىلە يوق» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بۇنىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنغا پايدىسى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى مەسىلىسىدە بولسا، ھېچقانداق پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىپ: «(پۇتىن) بىر پاراخوت نېفىتنى يوقىتىدۇ، بۇنىڭدا مەسىلە يوق. ئەگەر ئۇ بۇنى قىلىشنى خالىسا ۋە باشقا دۆلەتلەرمۇ قىلىشنى خالىسا، مېنى ئانچە بىئارام قىلمايدۇ. بۇنىڭ ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ؛ كۇبا تۈگەشتى، ئۇلارنىڭ ناچار بىر ھاكىمىيىتى بار، ئىنتايىن ناچار ۋە چىرىكلەشكەن بىر باشقۇرۇش قاتلىمى بار، شۇڭا ئۇلارنىڭ بىر پاراخوت نېفىت سېتىۋېلىش-سېتىۋالماسلىقىنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ. رۇسىيەدىن ياكى باشقا دۆلەتتىن بولسۇن، نېفىتنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشنى ئەلا بىلىمەن، چۈنكى كىشىلەرنىڭ ئىسسىققا، سوۋۇتۇشقا ۋە باشقا نەرسىلەرگە ئېھتىياجى بار» دېدى.

ئىزدىنىڭ
كاللاس ئىسرائىلىيە كۆچمەن رايونلىرى بىلەن تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلىشنى قوللىدى
ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تولۇقلىما سايلامدا ئاۋاز بەرمىسە «دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ترامپ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ 25 يىللىقىنى پېنتاگوندا خاتىرىلەيدۇ
پولشا باش مىنىستىرى تاسك: ئۇكرائىنا-پولشا چېگرا ئېغىزىغا قىلىنغان تەھدىتنىڭ ئالدى ئېلىندى
مىنىستىر تەكىن: نىشانىمىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىدا ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىش
84 كىشى يوقاپ كەتكەن فىلىپپىن يولۇچىلار پاراخوتىغا قۇتقۇزۇش خادىملىرى كىردى
تۈركىيە - ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلماقتا
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
ئۇكرائىنا رۇسىيە زېمىنىدا ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇمنى ئېلىپ باردى
رۇسىيە: ئەنگلىيەلىك دىپلوماتلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان «ئۇكرائىنا جاسۇسى» قولغا ئېلىندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىك بىر ئائىلىدىن تۆت كىشى شېھىت بولدى
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
ترامپنىڭ مەسلىھەتچىلىرى: «ئىرانغا قارشى ئۇرۇش يىللارچە داۋاملىشىشى مۇمكىن» دېدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كېمىگە ھۇجۇم قىلدى