سىياسەت
8 مىنۇت ئوقۇش
2024-يىلى، غەززەدىن ئۇكرائىناغىچە بولغان بەزى جايلار ئۈچۈن ئۇرۇش يىلى بولدى
2024-يىل 2023-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا نۇرغۇن رايونلاردا توقۇنۇشلار كۈچەيگەن ۋە ئۆلۈم نىسبىتى %30 ئاشقان بىر يىل بولدى.
2024-يىلى، غەززەدىن ئۇكرائىناغىچە بولغان بەزى جايلار ئۈچۈن ئۇرۇش يىلى بولدى
ئۇكرائىنا قوشۇنىنىڭ دونباس رايونىدىكى ھەربىي قوزغالىشى داۋاملىشىۋاتىدۇ / AA Archive
2025-يىلى2-ئاينىڭ18-كۈنى

2025-يىلنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان زوراۋانلىق ھۇجۇملىرى تېخىمۇ زورايغان ھالدا داۋاملاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى بىر ياقتا تۇرسۇن ئۇرۇش توختىتىش ئالامەتلىرىمۇ يوق.

غەززە ۋە ئىشغال قىلىنغان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا قان تۆكۈلۈش مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىگە يەتتى. 2024-يىلى 35 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى، بۇ ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتى ۋە زىيونىستلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى 1948-يىلى باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئەجەللىك بىر يىل بولۇش بىلەن تارىخقا يېزىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇكرائىنا تارىخىدىكى ئەڭ قانلىق بەتلەرنىڭ بىرىنى باشتىن كەچۈردى، ھەر ئىككى تەرەپتە 67 مىڭ ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

لىۋاندا، ھىزبۇللاھ بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا نويابىرنىڭ ئاخىرىدا باشلانغان 60 كۈنلۈك ناھايىتى نازۇك بولغان ئۇرۇش توختىتىش يەنىلا داۋاملاشماقتا. بىراق، يىل بويى تەخمىنەن 4 مىڭ لىۋانلىق جېنىدىن ئايرىلدى، نېتانياھۇ ھۆكۈمىتى تۈرلۈك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇرۇش توختىتىشقا كۆپ قېتىم خىلاپلىق قىلدى.

سۈرىيە نويابىرنىڭ ئاخىرىدا 11 كۈنلۈك كەسكىن ھەرىكەتتە ئۆكتىچى كۈچلەر ئويلىمىغان يەردىن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ، دۆلەت بائاسنىڭ زۇلۇم تارىخىغا قارىماي، ئاجايىپ تىنچ ھالەتتە تۇردى.

2024-يىل ئادەتتە قانلىق بىر يىل دەپ خاتىرىلەندى. «قوراللىق توقۇنۇشلارنىڭ ئورنى ۋە ۋەقە سانلىق مەلۇماتلىرى  تۈرى» (ACLED) گە ئاساسلانغاندا، 2024-يىلدا جەمئىي 233 مىڭ ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان. بۇ سان بىر ئالدىنقى يىل (2023) غا سېلىشتۇرغاندا %30 ئاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 2019-يىلدىن بۇيان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ئىككى ھەسسە كۆپەيگەن بولۇپ، دۇنيادىكى سەككىز ئادەم ئىچىدە بىرى توقۇنۇشنى باشتىن كەچۈردى. ACLED نىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ زوراۋانلىق ئەڭ كەسكىن يۈز بەرگەن جاي پەلەستىن بولغان.

غەززە ھۇجۇمى

2024-يىل، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق قىسمى سۈپىتىدە تارىخقا يېزىلدى. بۇ زىيونىستلارنىڭ زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر ئەسىردىن كۆپرەك تارىخىغا كۆلەڭگە چۈشۈردى. توختاۋىسىز داۋاملاشقان زوراۋانلىق مۇھىتىدا، ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قاتاردىكى مۇزاكىرە سۆھبىتىگە قاتنىشىشى، ئۈمىد نۇرى پەيدا قىلدى.

ئۆتكەن ھەپتىلەردە ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كاتز نۆۋەتتىكى سۆھبەت باسقۇچىنى 2023-يىلى نويابىردىكى كېلىشىمدىن بۇيان 100 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇن پەلەستىنلىك مەھبۇسلارغا ئالماشتۇرۇلغان كېلىشىمدىن بېرى، «بىز ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىگە ئەڭ يېقىنلاشقان ۋاقىتتۇر» دەپ تەسۋىرلىدى.

شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، تەھلىلچىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى ئىشغال قىلىشىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدۇ. «نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ يېقىنقى دوكلاتىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئاقدېڭىزدىكى بۇ رايوندا 19 ھەربىي بازا قۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى رايونلارنى بۆلۈپ، مەركەزدە چوڭ ھەربىي بازا قۇردى.

 

پەلەستىنلىك پىروفېسسور، يازغۇچى ۋە سىياسىي ئانالىزچى كامېل خاۋاش ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كېڭەيتىشىنى «ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشغالىيەت» نىڭ كۆرسەتكۈچى دەپ شەرھلىدى. ئۇ ت ر ت ۋورلد قانىلى (TRT World) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ ھېچقايسىسى رايونىدىن چىقمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنى بۇ يەردىن كىم چىقىرىۋېتەلەيدۇ؟» دېيىش ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن غەربنىڭ تېل ئاۋىۋنى قوللىشىغا ئالاھىدە دىققەت تارتتى.

ئۆكتەبىردىن كېيىنلا، ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرى پەلەستىنلىكلەرنى غەززەدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك باياناتلارنى ئېلان قىلغان ئىدى. خاۋاش نۆۋەتتىكى ھەرىكەتنى پۈتۈنلەي «يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش» دەپ تەسۋىرلەشتە ئىككىلەنسىمۇ، ئەمما ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدا « ھەر قانداق ئىشنى قىلالايدىغانلىقىنى تېزلا ھېس قىلغانلىقى» نى ئېيتىدۇ.

 

2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرى 14 مىڭ 500 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 45 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 106 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولدى. ب د ت بالىلار فوندى (UNICEF) ئىجرائىيە دىرېكتورى كاتېرىن رۇسسېل (Catherine Russell) ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا مۇنداق دېدى: «غەززەدىكى 1 مىليون 100 مىڭ بالىنىڭ ھەممىسى جىددىي قوغداش ۋە روھىي ساغلاملىق ياردىمىگە موھتاج.»

ئۇكرائىنا ئۇرۇشى

2024-يىلى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى. رۇسىيە ئارمىيەسى كىيېۋ ئۈستىدىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي رايونلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ۋولودىمىر زېلېنسكىي ھۆكۈمىتى موسكۋانىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىغا جاۋاب سۈپىتىدە ئويلىمىغان يەردىن قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ، رۇسىيەنىڭ كۇرسك رايونىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئىشغال قىلدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2024-يىلى رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرى ئۇكرائىنا زېمىنىنىڭ 4500 كۋادرات كىلومىتىرلىق جاينى ئىگەللەپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 30 كۋادرات كىلومېتىرلىق ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرگەن. يېقىنقى كۈنلەردە، رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك شەھەر پوكروۋىسكىغا يېقىنلىشىپ مۇھىم رايونلاردا كونتروللۇقىنى كۈچەيتتى.

ئالدىنقى ھەپتىلەردە موسكۋادا جىددىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. كرېمىل سارىيىغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا رۇسىيەنىڭ رادىيولوگىيەلىك، خىمىيەلىك ۋە بىيولوگىيەلىك ھەربىي قىسمىغا رەھبەرلىك قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېرال ئىگور كىرىللوف ئۆلدى. ئۇكرائىنا بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالدى.

رۇسىيەلىك سىياسىيشۇناس ۋە ۋلادىمىر پۇتىننىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى سېرگېي ماركوۋنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، كىرىللوف پەقەت ئۇكرائىنالا ئەمەس، ئامېرىكانىڭمۇ نىشانىغا ئايلانغان. ماركوۋ ت ر ت ۋورلدقا بايانات بەرگەندە مۇنداق دېدى: «بۇ ئامېرىكالىقلارنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىشى ھېسابلىنىدۇ.»

كىرىللوف 2022-يىلى قىلغان سۆزىدە بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئۇكرائىنادىكى ھەرىكەتلىرىنى «قانۇنسىز ھەربىي ۋە بىيولوگىيەلىك تەتقىقاتنىڭ ئالدىنقى سېپى» دەپ تەسۋىرلەپ، ئامېرىكا دېموكراتىك پارتىيە ئەزالىرىنى ئۇكرائىنادىكى بىيولوگىيەلىك قورال-ياراغ پائالىيەتلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. كىرىللوف خانتېر بايدىننىڭ مەبلەغ فوندى قوللىغان بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ «مېتابىيوتا» ئىسىملىك ​​ھۆددىگەرىنى كۆرسىتىپ، «بۇ بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئاساسلىق ھۆددىگەرلىرىنىڭ بىرى» دېگەن ئىدى.

ئۇكرائىنا بولسا، كىرىللوفنى ئۆز خەلقىگە خىمىيەلىك ئوق-دورا ئىشلەتتى، دەپ ئەيىبلىدى.

2024-يىلى يەنە، ئۇكرائىنانىڭ كۇرسك رايونىغا قارشى مۇھىم چېگرا ھالقىغان ھەرىكىتىگە گۇۋاھ بولدى. «ۋال كوچىسى گېزىتى» بۇ ھەرىكەتنى «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى رۇسىيە زېمىنىنىڭ تۇنجى قېتىم چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىشى» دەپ تەسۋىرلىدى. بۇ ھەرىكەت كىيېۋنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىش ۋە غەربنىڭ ھەربىي قوللىشىنى داۋاملىق كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

تارىخىي نۇقتىدىن قارىغاندا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىست گېرمانىيەسى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ برونېۋىك ئۇرۇشى يۈز بەرگەن كۇرسك، 2024-يىلى يەنە بىر قېتىم سىمۋول خاراكتېرلىك جەڭ مەيدانىغا ئايلاندى. زېلېنسكىي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) غا ئېنىق ئۇچۇر ئەۋەتتى: ئۇكرائىنا داۋاملىق قارشىلىق كۆرسىتىدۇ، ئېشىۋاتقان قورال-ياراغ قوللىشىغا لايىق.

ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قىلغان ھۇجۇملىرى

بۇ يىل (2024) ، ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى غەززە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى قوشنا لىۋانغىمۇ كېڭەيدى. لىۋان تېل ئاۋىۋنىڭ نەچچە ئون يىللىق تاجاۋۇزچىلىقى ۋە چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىماقتا.

ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قىلغان ھۇجۇمى سېنتەبىر (2024) دە باشلاندى. ئىسرائىلىيە يوشۇرۇن تاكتىكا سۈپىتىدە پايدىلانغان چاقىرغۇ ۋە سىمسىز تېلېفونلار ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى، مىڭلىغان كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ كېيىنكى ئايدا، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ئەجەللىك ھۇجۇملارنىڭ ئارقىسىدا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

ئىسرائىلىيە سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا، لىۋاندىكى ھىزبۇللاھ رەھبەرلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي ئەربابلارنى نىشان قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى. بۇ ھۇجۇملاردا ھىزبۇللاھنىڭ ئۇزۇن يىللىق رەھبىرى ھەسەن نەسرۇللاھ ئۆلتۈرۈلدى. ئۆكتەبىرنىڭ بېشىدا ھەسەن نەسرۇللاھنىڭ ئورنىغا چىقىشى پەرەز قىلىنغان ھىزبۇللاھنىڭ پېشقەدەم رەھبىرى ھاشىم سافىيدىنمۇ ئۆلتۈرۈلدى.

ئۆكتەبىردە ، ئىسرائىلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى لىۋانغا كىردى. بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ 2006-يىلى ھىزبۇللاھ-تېل ئاۋىۋ ھەربىي توقۇنۇشىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم لىۋانغا بېسىپ كىرىشى بولۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى كىچىك دۆلەتنى ئالتىنچى قېتىم ئىشغال قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ۋە ھۇجۇملىرى مىڭلىغان لىۋانلىقلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ۋە 16 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.

27-نويابىر، ھىزبۇللاھ بىلەن ئىسرائىلىيە ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى.

لىۋان دائىرىلىرىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇ نازۇك ئۇرۇش توختىتىشقا 200 قېتىمدىن ئارتۇق خىلاپلىق قىلغان.

بەششار ئەسەت ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى

ئون نەچچە يىل داۋاملاشقان قانلىق توقۇنۇشلارغا قارىماي، 2024-يىلى سۈرىيەدىكى بائاس ھاكىمىيىتى ۋە بەششار ئەسەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشتى. بەششار ئەسەت ھاكىمىيىتى 13 يىللىق ئىچكى ئۇرۇشتا سالغان زۇلۇملىرى ۋە قىلغان زوراۋانلىقلىرىنىڭ نەتىجىسىدە، 500 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى، دۆلەت نوپۇسىنىڭ يېرىمىنىڭ دېگۈدەك يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

2011-يىلى ئەرەب باھارى بىلەن باشلانغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىچكى ئۇرۇشتا، رۇسىيە ۋە ئىران قوللىغان بەششار ئەسەت ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان قوراللىق ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار، تولۇق غەلىبە ئېلان قىلالمىغان ئىدى. ئەكسىچە، ئۇلار ھاكىمىيەتنىڭ ھۇجۇملىرىدىن قېچىپ، سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىدلىب ۋىلايىتىگە چېكىنگەن ئىدى.

نويابىرنىڭ ئاخىرىدا ، ھەيئەت تاھرىر ئەل شام (HTS) باشچىلىقىدىكى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار تۇيۇقسىز بەششار ئەسەت ھاكىمىيىتىتگە قارشى چاقماق ھەرىكىتى قوزغىدى. سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېز ئىلگىرىلىگەن بۇ ھەرىكەت، دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە تارىخىي شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولغان ھەلەبنى قولغا چۈشۈردى. ئارقىدىن، ئۇزۇندىن بۇيان ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرۇش كەيپىياتىنىڭ مۇستەھكەم قورغىنى بولغان ھاما شەھىرى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى. ھاما 1960-يىللاردىن باشلاپ بەششار ئەسەت ئائىلىسىنىڭ زالىم ھۆكۈمرانلىقىنىڭ نىشانى بولۇپ كەلگەن ئىدى.

ھەلەب ۋە ھاما قاتارلىق ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدا بولمىغان شەھەرلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە قولغا چۈشۈرۈلۈشى بەششار ئەسەت ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرىلگەنلىكىنى كۆرسىتەتتى. 8-دېكابىر، ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىماي سۈرىيەنىڭ قەدىمكىي پايتەختى دەمەشىققە كىردى. ھاكىمىيەت ئارمىيەسى غايىب بولدى، باشار ئەسەت ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن موسكۋاغا قېچىپ كەتتى.

ھاكىمىيەت يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇردى. مۇھەممەد ئەل بەشىر ۋە ھ ت ش (ھەيئەت تاھرىر ئەل شام) رەھبىرى ئەھمەت ئەل شارا بۇ ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى باش مىنىستىرلىرى بولدى. ھازىرغا قەدەر، بۇ ئۆتكۈنچى باسقۇچ ئاساسەن تىنچ ئەمەلگە ئاشتى ۋە ئۇرۇشتىن چارچىغان خەلققە ئۈمىد نۇرى ئاتا قىلدى.

 

دەرادا تۇرۇشلۇق سۈرىيەلىك ژۇرنالىست ئۆمەر ئەلخارىرى ت ر ت ۋورلد (TRT World) قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئىزىلگەن ۋە ئىنقىلابچىلارغا يوللانغان ئۇچۇر: ھەقىقەت غەلىبە قىلىدۇ، خەلق بارلىق ئادالەتسىزلىك ۋە قان تۆكۈلۈشكە قارىماي غەلىبە قىلىدۇ» دېدى.

باشقا توقۇنۇشلار: سۇدان ۋە بىرما

گەرچە سۈرىيەدىكى قانلىق ئىچكى ئۇرۇش 2024-يىلى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان توقۇنۇشلار ھەل قىلىنىشتىن يىراق قالدى.

سۇدان 20 ئاي داۋاملاشقان ئىچكى ئۇرۇش بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆچۈش كىرىزىسىنىڭ بىرىگە سەھنە بولدى. سۇداندىكى ھەربىي كۈچلەر بىلەن يېرىم ھەربىي گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا داۋاملاشقان بۇ توقۇنۇش، %30 دۆلەت نوپۇسىنىڭ  يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاچارچىلىق كىرىزىسىنىڭ ئېغىرلىشىشى مىليونلىغان كىشىگە تەسىر قىلدى، توقۇنۇشلار 24 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

بىرما ھەربىي ھاكىمىيەت ھۆكۈمرانلىقىدىكى زوراۋانلىقلارنىڭ كۈچىيىشى بىلەن يىل (2024) نى ئاخىرلاشتۇردى. ھەربىي ھاكىمىيەت بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي رەھبىرىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى. بىراق، بۇ قەدەم دۆلەت ئىچىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، توقۇنۇشلارنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى.

ئىزدىنىڭ
مىسىر بىلەن ئامېرىكا غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى
ئىسرائىلىيە رەفاھ تونېللىرىدا قاپسىلىپ قالغان 40 ھاماس ئەزاسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى
تاجىكىستان ئافغانىستاندىن قىلىنغان چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملاردا بەش كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
كىرېمىل: پۇتىن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋەكىلى ۋىتكوف بىلەن كۆرۈشىدۇ
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا رەفاھ رايونىغا ۋە غەززەگە ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى
ۋەيران قىلغۇچ كەلكۈندە 330 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان سىرىلانكىغا ياردەم بېرىش دولقۇنى باشلاندى