ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىران بىلەن ئامېرىكا رىمدا 5- قېتىملىق يادرو سۆھبىتى ئۆتكۈزدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەگەر كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىسا، ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىنى نىشان قىلىدىغان ھاۋا ھۇجۇمى قوزغايدىغانلىقىنى ئېيتىپ كۆپ قېتىم تەھدىت سالدى.
ئىران بىلەن ئامېرىكا رىمدا 5- قېتىملىق يادرو سۆھبىتى ئۆتكۈزدى
/ Reuters

ئىران بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تېھراننىڭ تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلەۋاتقان يادرو پىروگراممىسى توغرىسىدا جۈمە كۈنى رىمدا 5- قېتىملىق يادرو سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكا دائىرىلىرى تېھراننىڭ قىيىن ئەھۋالدىكى ئىقتىسادىغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ھەرقانداق شەكىلدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان تەقدىردىمۇ ئىراننىڭ ئوران قويۇلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقى پىكرىدە چىڭ تۇرماقتا.

 ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى جۈمە كۈنى ئەتىگەندە توردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىراننىڭ ئوران قويۇلدۇرۇشىغا يول قويماسلىقنىڭ «كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمايدۇ» دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاراقچى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«كېلىشىمگە ئېلىپ بارىدىغان يولنى تېپىش راكېتا ئىلمى ئەمەس. ئەمدى قارار چىقىرىشنىڭ دەل ۋاقتى كەلدى.»

سۆھبەتلەرگە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ۋاكالىتەن يەنە ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋەكىلى ستېۋ ۋىتكوف بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سىياسەت پىلانلاش ئىشلىرى دېرىكتورى مايكېل ئانتون قاتنىشىدۇ.

دائىرىلەر سۆھبەتنىڭ قەيەردە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر قېتىملىق سۆھبەت ئوماننىڭ ئىتالىيەنىڭ پايتەختىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى.

ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەدر ئەلبۇسەئىدى سۆھبەتلەرگە ۋاسىتىچىلىك قىلماقتا، چۈنكى ئەرەب يېرىم ئارىلى دۆلىتى بولغان ئومان سۆھبەتلەردە ھەم تېھران ھەم ۋاشىنگتون تەرىپىدىن ئىشەنچلىك دۆلەت دەپ قارالماقتا.

ئىراننىڭ ئوران قويۇلدۇرۇش مەسىلىسى سۆھبەتلەرنىڭ ھالقىلىق نۇقتىسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. سۆھبەتلەر، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزگەن ۋە يېرىم ئەسىرلىك دۈشمەنلىكنى ئاخىرلاشتۇرغان ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنىڭ بىر قىسمىنى بىكار قىلىش بەدىلىگە ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىنى چەكلەشنى نىشان قىلماقتا.

ترامپ ئەگەر كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىسا، ئىراننىڭ پىروگراممىسىنى نىشان قىلىدىغان ھاۋا ھۇجۇمى قوزغايدىغانلىقىنى ئېيتىپ كۆپ قېتىم تەھدىت سالدى. ئىران دائىرىلىرى قورال دەرىجىسىگە يېقىن قويۇلدۇرۇلغان ئوران زاپىسى بىلەن يادرو قوراللىرىغا ئېرىشىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Nuclear talks with US 'unlikely to succeed': Iran's Khamenei

  «ئالاھىدە تەدبىرلەر»

 ئوران قويۇلدۇرۇش ئەڭ مۇھىم ئىختىلاپ نۇقتىسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ۋىتكوف بىر چاغلاردا ئىراننىڭ ئوراننى %3.67 نىسبەتتە قويۇلدۇرالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى، كېيىن بولسا ئىراننىڭ بارلىق ئوران قويۇلدۇرۇشلىرىنىڭ توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىشقا باشلىدى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ كەسكىنلەشتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تەممى برۇس، سۆھبەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، سۆھبەتلەردە «مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمىزغا ئىشىنىمىز» دېدى ۋە ۋاشىنگتوننىڭ ئىراننىڭ داۋاملىق ئوران قويۇلدۇرۇشىغان يول قويمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.

برۇس پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئىرانلىقلارمۇ سۆھبەت ئۈستىلىدە، شۇڭا ئۇلارمۇ بىزنىڭ پوزىتسىيەمىزنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشىنىدۇ ۋە سۆھبەتكە داۋاملىق قاتنىشىۋاتىدۇ» دېدى.

ھازىرغىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەردىن بىرىنى، ئىراننىڭ ئوران قويۇلدۇرۇشنى توختىتىشى، ئەمما رايون دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قوللايدىغان ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر جەمئىيەت ئارقىلىق ئوران بىلەن تەمىنلىنىشىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يول قويۇش تەشكىل قىلىدۇ.

لېكىن، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئوران قويۇلدۇرۇشنىڭ دۆلەت چېگراسى ئىچىدە داۋاملىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە. ئىران 2010-يىلىدىكى سۆھبەتلەردىمۇ ئوخشاش شەكىلدە بىر يېقىلغۇ ئالماشتۇرۇش تەكلىپىنى سۇنغان، ئەمما بۇ تەكلىپ قىزىقىش قوزغىمىغانىدى.

بۇ ئارىلىقتا، ئىسرائىلىيە ئۆزىنى تەھدىت ئاستىدا ھېس قىلسا، ئىراننىڭ يادرو مۇئەسسەسەلىرىنى ئۆز ئالدىغىلا ۋەيران قىلىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سېلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشى بىلەن بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان شەرق جىددىيچىلىكىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى.

ئاراقچى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيە تەھدىتلىرىنى داۋاملاشتۇرسا، ئىراننىڭ يادرو مۇئەسسەسەلىرىنى قوغداش ئۈچۈن «ئالاھىدە تەدبىرلەر» نى قوللىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقانداق ھۇجۇمىدا شېرىك جىنايەتچى سۈپىتىدە كۆرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Report: Israel preparing strike on Iranian nuclear facilities, US intelligence says

ئىزدىنىڭ
خىتاي خاككېر جەنۇبىي كورېيە بانكىلىرىغا سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدى
سۈنئىي ئەقىل ئىنسانلارغا ۋەزىپە تاپشۇرۇپ، ھەق بېرىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلنىڭ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 103-يىللىقىنى تەبرىكلىدى
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جو ۋىلسون: مەككە ئىتتىپاقى ئوتتۇرا شەرقنىڭ ناتوسى بولالايدۇ
تۈركىيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە ھەمكارلىقىدا مۇھىم قەدەم تاشلاندى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنىنى تەبرىكلىدى
پاكىستان: 6 دىن كۆپ دۆلەت مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمىگە قاتنىشىشقا قىزىقماقتا
خالۇق گۆرگۈن: دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى ياشلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدۇر
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنى» نى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان  قىلدى
ترامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشقا ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولدى
گۈلەر: كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ
تۈركىيە ئېفىيوپىيە ساقچىلىرىنى تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلىدى
تېكنوفېست فېستىۋالى ئۈچىنچى كۈنى چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە باشلاندى
تېكنوفېست شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ فېستىۋالىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى
ژاندارما قىسىملىرىنىڭ يەرلىك روبوتلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ تېكنوفېست بايرىمىدا كۆرگەزمە قىلىندى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە شىركەتلىرى ئەزەربەيجان بىلەن 500 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالىدى
ئامېرىكا 23 يىل ئىلگىرى ئىشغال قىلغان ئىراقتىن چېكىنىشنى تاماملىدى
تېكنوفېست بايرىمى شەرقىي جەنۇبتا ھاۋا كۆرگەزمىسى بىلەن رەڭدار تۈس ئالدى
خاقان فىدان شىمالىي رېين-ۋېستفالىيە ئىشتاتى باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە تېلېگراف شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى شاھىن: مىللىي يانفون مالاتيادا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ