خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى 4-نويابىردا ئىرانغا قىلىنىدىغان ھۇجۇملار ھەققىدە ئاگاھلاندۇردىمۇ؟
ئامېرىكانىڭ پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى ئىرانغا قىلىنىدىغان ھۇجۇملارنىڭ 4-نويابىردا باشلىنىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئامېرىكا پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى 4-نويابىردا ئىرانغا قىلىنىدىغان ھۇجۇملار ھەققىدە ئاگاھلاندۇردىمۇ؟
ئامېرىكا پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى 4-نويابىردا ئىرانغا قىلىنىدىغان ھۇجۇملار ھەققىدە ئاگاھلاندۇردىمۇ؟

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى 4-نويابىردىن بۇرۇنقى بىر ۋاقىتتا ئىرانغا قىلىنىدىغان «قىسقا ۋە شىددەتلىك بىر ھۇجۇم دولقۇنى» غا تەييار تۇرۇشى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىن ئامېرىكا MS Now قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان 3 ئەمەلدار، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئېھتىماللىقى بولغان بىر جىددىيچىلىككە ئالاقىدار دەۋالارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا ئەمەلدارلار، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ قولتۇق دۆلەتلىرىگە بۇ توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەنلىكىنى، نويابىرنىڭ بېشىدا ئىرانغا قىلىنىدىغان «قىسقا ۋە شىددەتلىك بىر ھۇجۇم دولقۇنى» غا تەييار تۇرىشى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەمەلدارلار يەنە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئامېرىكىدا 3-نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاۋام پالاتا ئارىلىق سايلىمىدىن بىر كۈن كېيىنلا يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

يەنە بىر ئەمەلدار بولسا قولتۇق دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدىكى بازىلاردىن ھۇجۇم قوزغىشىغا قارشى چىقىشىنىڭ «ئېھتىمالغا يېقىن» ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلدى.

ئاممىغا بايانات بېرىش ھوقۇقى بولمىغان بىر ئاقساراي ئەمەلدارى بولسا بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار: «مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكى ئېنىق بولمىغان سەزگۈر ھەربىي پىلانلار توغرىسىدا باھا بەرمەيمىز. پىرېزىدېنت تىرامپ ئىراننىڭ ھەرگىزمۇ يادرو قورالىغا ئىگە بولماسلىقى ئۈچۈن بارلىق تاللاشلارنى ئۈستەلدە تۇتۇپ تۇرماقتا» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ۋال سترېت ژۇرنىلى گېزىتىمۇ ئامېرىكانىڭ قولتۇق دۆلەتلىرىنى ئىلگىرى ئىران بىلەن بولىدىغان ھەربىي جىددىيچىلىككە قارشى تەييار تۇرۇشى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ئىرانغا قارشى «ئۈزلۈكسىز ئۇرۇش» ئېھتىماللىقىنى رەت قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەگە 10 ھەربىي يۈك ئايروپىلانى ئەۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى
رۇسىيە ئۇكرائىناغا تەۋە 1214 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ كېچىچە رۇسىيەنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى
رۇسىيەنىڭ پويىز ئىستانسىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 14 كىشى قازا قىلدى
فلاۋىيو بولسونارو ئامېرىكىغا قاچتى. تىرامپ بىرازىلىيە سايلىمىنى «نومۇس قىلارلىق» دەپ سۈپەتلىدى
شىمالىي كورېيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى سىناق قىلدى
نېتانياھۇ يېڭى سايلام تەلەپ قىلماقچى، ئەمما ئۆكتىچىلەر بۇنى توسۇپ قالالايدۇ
سومالىدا ئەششەباب تەشكىلاتىغا قارشى ھەرىكەتتە كەم دېگەندە 75 مىلىتان ئۇجۇقتۇرۇلدى
«ئارناب» سىكلونلۇق بورىنى بېنگال قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەردە تۇرمۇشقا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
فرانسىيە كورسىكا ئارىلىغا «ئاپتونومىيە سالاھىيىتى» بېرىشنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە  ئەل خەلىل شەھىرىدىكى قورشاۋىدا تەخمىنەن 5 مىڭ پەلەستىنلىك ئۆي ماكانىدىن ئايرىدى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى خەلقنى نېتانياھۇغا قارشى بېلەت تاشلاشقا چاقىردى
ترامپ سايلام ساختىپەزلىكىنى پاش قىلغانلارغا 1 مىليون دوللار مۇكاپات ئېلان قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئېتىلغان 3 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 4 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى يوقىتىلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنادا خېرسون يۆنىلىشىدە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختاتتى
سۈرىيە: ئىيوردانىيە ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن ئىلگىرى بىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلمىدى
قاتار ئەمىرى ئال سانى ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى مىرزىيايېف بىلەن كۆرۈشتى
CNN: ترامپ بۇيرۇق بەرسە، ئامېرىكا 96 سائەت ئىچىدە ئىرانغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىيالايدۇ
ئۆكتىچى رەھبەر نېتانياھۇنى «ۋەتەنگە خىيانەت قىلىش» جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
فرانسىيەدە بوراندىن كېيىن تەخمىنەن 59 مىڭ ئائىلىدە توك توختاپ قېلىش داۋاملاشماقتا