سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى
كۇۋەيت ئىراننىڭ ھۇجۇمىدا زىيانغا ئۇچرىغان خەلقئارا ئايرودۇرۇمدا ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ قايتا قاتناشقا باشلغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى

كۇۋەيتتە ئىران تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغان كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ قايتا باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

كۇۋەيت ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان  باياناتىدا بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىلدى.

ئايرودۇرۇمدا تېخنىكا ئەترەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان زىياننى ئېنىقلاش خىزمىتى تاماملانغاندىن ۋە مەشغۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەر ئېلىنغاندىن كېيىن، ئايروپىلانلارنىڭ T4 تېرمىنالى ئارقىلىق قايتا قاتناشقا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يولۇچىلار ۋە خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، ئەڭ يۇقىرى بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن شەكىلدە مۇلازىمەتلەرنىڭ داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بارلىق مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن ماس قەدەمدە خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

كۇۋەيت ھاۋا يوللىرى شىركىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ توختىتىپ قويۇلۇشى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن ئۇچۇش پىلانىنىڭ قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىدىغانلىقى ۋە ئېلان قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، بېلەتلەرنى بىكار قىلىشنى ياكى ئۆزگەرتىشنى خالايدىغان يولۇچىلارنىڭ، پەقەت بۈگۈنكى سەپەرلەر ئۈچۈن ھېچقانداق ئارتۇقچە ھەق تۆلىمەيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

كۇۋەيت ئارمىيەسى ئىران تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان كامىكازې تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى سەۋەبىدىن كۇۋەيت ئايرودۇرۇمى يولۇچىلار تېرمىنالى بىناسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

كۇۋەيت پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە باش ئىدارىسى، ئىران تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغان كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا تەۋە كەشم ئارىلىغا قىلغان ھۇجۇمىغا جاۋابەن، كۇۋەيتتە ئامېرىكا كۈچلىرى تۇرۇۋاتقان ھەربىي بازىلارنى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ئوققا تۇتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن كانادا ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى باشلايدۇ
ئىراننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى لىنىيەسى ھورمۇزدىن باب ئەل-مەندەبگىچە سوزۇلىدۇ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
2025-يىلى يادرو قوراللىرى خىراجىتى رېكورت خاراكتېرلىك ئېشىپ 118.8 مىليارد دوللارغا يەتتى
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى
«ئىستانبۇل باياننامىسى» دە ھەمكارلىق سىگنالى بېرىلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
تۇساش باش مۇدىرى دەمىرئوغلۇ: تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلان تۈرلىرىدە ياۋروپانىڭ ئالدىدا
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى