ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
كۇبا نېفىت ساھەسىنى چەت ئەل مەبلىغىگە ئېچىش ئۈچۈن كونا قانۇنلارنى بىكار قىلدى
كۇبا ھۆكۈمىتى ئېغىرلىشىۋاتقان ئېنېرگىيە كىرىزىسى ۋە ئامېرىكانىڭ نېفىت چەكلىمىلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، نېفىت ساھەسىگە چەت ئەل مەبلىغى جەلپ قىلىشنى ئاسانلاشتۇرىدىغان يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى.
كۇبا نېفىت ساھەسىنى چەت ئەل مەبلىغىگە ئېچىش ئۈچۈن كونا قانۇنلارنى بىكار قىلدى
ئامېرىكىنىڭ نېفىت قامىلى ۋە ئىقتىسادنىڭ ھالقىلىق ساھەلىرىگە قاراتقان ئىككىلەمچى جازالىرى كۇبادىكى ئىقتىسادىي ئاجىزلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرماقتا.

كۇبا ھۆكۈمىتى نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنى چەت ئەل مەبلىغىگە ئېچىش مەقسىتىدە، 1938-ۋە 1959-يىللىرىدىكى قانۇنلارنى بىكار قىلدى.

كۇبا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قانۇنلار ھازىرقى ئاساسىي قانۇن ۋە ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي شارائىت ئالدىدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدىغان ھالەتكە كەلگەن.

قانۇن كۈچىگە ئىگە پەرمان ئارقىلىق، دۆلەت ئىچى ۋە چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە قېزىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن توختام شەرتلىرى يۇمشىتىلدى.

يېڭى بەلگىلىمە دۆلەتنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ئاساس قىلىپ، ئىجازەتنامە ۋە ئالاھىدە تىجارەت ھوقۇقى بېرىشنى رەت قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ. شۇنداقلا، دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كېرەكلىك ھىدروكاربون بايلىقلىرىنى تەمىنلەشتە، رىقابەتلىك بازار شەرتلىرى دائىرىسىدە دۆلەتكە ئالدىن ئېرىشىش ھوقۇقى بېرىدۇ.

دۆلەتتە قاراڭغۇ بازار سودىسى ۋە يېقىلغۇ تەقسىماتىدىكى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلار كۆپەيگەن بىر پەيتتە چىقىرىلغان يېڭى بەلگىلىمە، ئەسلىھەلەر ۋە تىجارەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئەمەلىي بىخەتەرلىكىگە تىجارەتچى شىركەتلەرنى بىۋاسىتە مەسئۇل دەپ قارايدۇ. قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ۋە جىنايەتلەرگە ئېغىر جازا بېرىش قاتارلىقلارنىمۇ مەزمۇن قىلىدۇ.

كۇبا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بەلگىلىمە ئارقىلىق ئېغىر مەبلەغ يېتىشمەسلىككە دۇچ كەلگەن دۆلەت ئېنېرگىيە ساھەسىگە خەلقئارا مەبلەغ جەلپ قىلىش، چەت ئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرىغا قانۇنىي كاپالەت بېرىش ھەمدە ھىدروكاربون بايلىقلىرى ئۈستىدىكى قاتتىق دۆلەت كونتروللۇقىنى ساقلاپ قېلىشنى نىشان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

كۇبادىكى ۋەزىيەت

ئامېرىكانىڭ نېفىت قامالى ۋە ئىقتىسادنىڭ مۇھىم ساھەلىرىگە يۈرگۈزگەن ئىككىلەمچى جازالىرى كۇبا ئىقتىسادىنى بارغانسېرى  ئاجىزلاشتۇرماقتا.

توك توختاش ۋە ئاممىۋى قاتناشنىڭ دېگۈدەك پۈتۈنلەي توختاپ قېلىشى سەۋەبىدىن، كۇبا خەلقى قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. دوختۇرخانىلارمۇ پەقەت ئەڭ تۆۋەن چەكتە مۇلازىمەت قىلالماقتا.

دۆلەتتە، بولۇپمۇ رەسمىي تىزىمغا ئېلىنمىغان بازارلاردا يېمەكلىك ۋە دورا باھاسى ھەددىدىن زىيادە ئۆرلىمەكتە.

ئىزدىنىڭ
تۇفان ئەرھۈرمان قىبرىس رۇم رەھبىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ
پاشىنيان: ئەزەربەيجان بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش ئەرمېنىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم
پاكىستاندا يولۇچىلار پويىزىنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە 5 كىشى ئۆلدى
زېلېنسكىي ترامپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش باياناتىدىن كېيىنمۇ روسىيەنىڭ  ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدا پارتلاش يۈز بەردى. 8 كىشى يارىلاندى
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى
ئىسرائىلىيە ھىندونېزىيەلىك ئۇچقۇچى بارلىقىنى سەۋەب قىلىپ ئايروپىلاننى قايتۇرىۋەتتى
ئايروپىلاندا قاندالا (چۇسا) ۋەھىمە ياراتتى، نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
يىلدىز: سۈرىيە قىيىنچىلىقلارغا قارىماي توغرا يۆنىلىشتە ئىلگىرىلىمەكتە
موسكۋانىڭ ترامپنىڭ باياناتىغا سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
كۇبا نېفىت ساھەسىنى چەت ئەل مەبلىغىگە ئېچىش ئۈچۈن كونا قانۇنلارنى بىكار قىلدى
ئەردوغان رىياد ئايرودۇرۇمىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدى
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيە شەرقىي دېڭىز تەرەپكە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاتتى
ترامپ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىرانغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: بىخەتەر ئاشلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىمىزنىڭ ئاساسلىق ئامىلى