خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي كورېيەدىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن، مۇھىم مىنېراللارنى ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى بېكار قىلدى
خىتاي كورېيەدە ئۆتكۈزۈلگەن شى جىنپىڭ-ترامپ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، مۇھىم مىنېراللارنى ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى.
خىتاي كورېيەدىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن، مۇھىم مىنېراللارنى ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى بېكار قىلدى
خىتاي كورېيەدىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن، مۇھىم مىنېراللارنى ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى بېكار قىلدى / AP

خىتاينىڭ گاللىي، گېرمانىي ۋە سۈرمە قاتارلىق تېخنىكىلىق مېتاللارغا قويغان چەكلىمىسىنى توختىتىشى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەكلىرى ۋە ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەشنى قوللايدۇ

خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي يېرىم ئۆتكۈزگۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زامانىۋى تېخنىكا ئۈچۈن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان گاللىي، گېرمانىي ۋە سۈرمە قاتارلىق مېتاللارنى ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىشنى نىشان قىلغان چەكلىمىنى توختاتتى.

خىتاي چەكلىمىلىرى ھەم پۇقرالار ۋە ھەم ھەربىي ساھەدە ئىشلىتىلىدىغان «قوش ئىشلىتىلىدىغان» ماللارنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلەشنى ئكز ئىچىگە ئالاتتى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، 2024-يىلى دېكابىردا يولغا قويۇلغان بۇ چەكلەشنىڭ ھازىر 2026-يىلى 27-نويابىرغىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئۇقتۇرۇش شى جىنپىڭ بىلەن دونالد ترامپنىڭ 30-ئۆكتەبىر كورېيەدە ئۇچرىشىپ، ئۆزئارا يولغا قويۇلغان بىر قىسىم جازا تەدبىرلىرىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

خىتاي جۈمە كۈنى 9-ئۆكتەبىردە يولغا قويۇلغان باشقا بىر قىسىم ئېكسپورت كونتروللۇقىنىڭمۇ ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى؛ بۇلارنىڭ ئىچىدە مەلۇم تۈردىكى ئاز ئۇچرايدىغان تۇپراق ئېلېمېنتلىرى ۋە لىتىيلىق باتارېيە ماتېرىياللىرىغا قويۇلغان كېڭەيتىلگەن چەكلىمىلەرمۇ بار ئىدى.

بىر مەزگىل ھەر ئىككى تەرەپ يولغا قويغان تاموژنا بېجى نىسبىتى ئۈچ خانىلىق سانغا يېتىپ، دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ئوتتۇرىسىدىكى سودىنى قىيىنلاشتۇرۇپ، يەر شارى تەمىنات زەنجىرىنى تورمۇزلاپ قويغان ئىدى.

سودا ئۇرۇشى جەريانىدا، خىتاي ئەقلىيفونلاردىن تارتىپ ئىلغار ھەربىي تېخنىكىلارغىچە بولغان كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىدىغان ھالقىلىق مىنېراللار ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى بىر سودىلىشىش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە ئۇرۇنغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - ‘Not a final settlement’: What lies behind the Trump–Xi trade truce?
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى