تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ئۇكرائىنا باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتتى
تۈركىيە قارا دېڭىزدا پاراخوتلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇم سەۋەبىدىن ئۇكرائىنا باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتتى
تۈركىيە ئۇكرائىنا باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتتى
تۈركىيە ئۇكرائىنا باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتتى / AA Archive

تۈركىيە ھۇجۇملارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، قارا دېڭىزدا جان ۋە مالنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن دېڭىز قاتنىشى بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىتنىڭ قوغدىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇكرائىنانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قارا دېڭىزدا ئىككى تۈرك سودا پاراخوتىغا قارىتىلغان ھۇجۇملاردىن كېيىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈرك تىجارەتچىلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان «Lider Bordo Mavi» ناملىق پاراخوت 26-ئاۋغۇست كۈنى قارا دېڭىزدا روسىيەنىڭ تۇئاپسە نۇقتىسى ئېغىزىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

پاراخوتنى سۆرەپ چىقىش ئۈچۈن ئەتىسى رايونغا ئەۋەتىلگەن «Lider Kocatepe»ناملىق پاراخوتمۇ نىشانغا ئېلىنغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye warns of Black Sea escalation after drone attacks hit Turkish-owned civilian ships

ۋەقەلەردىن كېيىن ئۇكرائىنانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شەنبە كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلىپ، تۈركىيەنىڭ ھۇجۇملارغا بولغان نارازىلىقى يەتكۈزۈلدى.

كۆرۈشۈشتە تۈرك مەسئۇللار، قارا دېڭىزدا جان ۋە مالنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن دېڭىز قاتنىشى بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىتنىڭ قوغدىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، زۆرۈر ئاگاھلاندۇرۇشلاردا بولدى.

تۈركىيە 4-ئاۋغۇست تۈرك شىركەتلىرىگە تەۋە ئىككى ئاممىۋىي پاراخوتنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ئوققا تۇتۇلۇشى ۋە تۈرك پۇقرالىرىدىن بەزى خادىملارنىڭ يارىلىنىشىدىن كېيىن، روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ قارا دېڭىزغا تېخىمۇ كۆپ  كېڭەيگەنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئىدى.

تۈركىيە توقۇنۇش تەرەپلىرىگە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە قارا دېڭىزدا دېڭىز سودا قاتنىشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن دەرھال زۆرۈر بولغان قەدەملەرنى تاشلاش توغرىسىدا نۇرغۇن قېتىم چاقىرىق قىلغان ئىدى.

 

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار