سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
كولومبىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ئۇرىبې 12 يىللىق نەزەربەند جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
كولومبىيەنىڭ تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك سىياسىي ئەربابلىرىدىن بىرى بولغان ئالۋارو ئۇرىبې بۇ دۆلەتنىڭ تارىخىىدا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ جازاغا تارتىلغان تۇنجى سابىق پىرېزىدېنت بولۇپ قالدى.
كولومبىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ئۇرىبې  12 يىللىق نەزەربەند جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
/ Reuters

كولومبىيەدە بىر سوت مەھكىمىسى سابىق پىرېزىدېنت ئالۋارو ئۇرىبېنى گۇۋاھچىلارغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە قانۇنسىزلىق جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، 12 يىللىق نەزەربەند جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. بۇ، كولومبىيە تارىخىدا بىر سابىق پىرېزىدېنتنىڭ تۇنجى قېتىم جازاغا ھۆكۈم قىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

73 ياشلىق ئۇرىبې كولومبىيە سىياسىتىدە ھازىرمۇ تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك شەخسلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. 2002-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئۇرىبې، ئامېرىكانىڭمۇ قوللىشى بىلەن زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھلىرى ۋە سول قانات پارتىزانلارغا قارشى كەسكىن ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

ئۇرىبې ئوڭ قانات قوراللىق خەلق ئەسكەرلىرى گۇرۇپپىلىرى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرگە ئالاقىدار گۇۋاھلىق بەرگەن گۇۋاھچىلارغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىنى ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن ئۇلارغا بېسىم ئىشلىتىش جىنايىتىسادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى. ئۇ بۇ ئەيىبلەشلەرنى ئۇزۇندىن بۇيان رەت قىلىپ كېلىۋاتاتتى.

 ئۇرىبې ھۆكۈم ئېلان قىلىش سوتىدا سوتچى ساندرا ھېرېدىياغا خىتاب قىلىپ، «ماڭا ئەڭ ناچار شەكىلدە مۇئامىلە قىلدىڭىز» دەپ، قارارغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. سابىق پىرېزىدېنت ئۇرىبې گۇۋاھچىلارغا تەسىر كۆرسىتىش جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ چىقىرىلغان 12 يىللىق جازاغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 خەلق ئارىسىدا ياخشى كۆرىلىدىغان شەخس

 

جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىغا قارىماي، ئالۋارو ئۇرىبې كولومبىيەدە ھېلىھەم ئالقىشقا ئېرىشىپ كەلمەكتە. مۇھاپىزىكار (كونسېرۋاتىپ) سىياسەتتە تەسىرىنى ساقلاپ قېلىۋاتقان ئۇرىبې، پارتىيەسىدە «پادىشاھنى بەلگىلىگۈچى» شەخس دەپ قارىلىدۇ. يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان بىر راي سىناشتا، ئۇ بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر سىياسىي شەخسى دەپ كۆرسىتىلدى.

سوت مەھكىمىسى ئۇرىبېنىڭ قوراللىق خەلق ئەسكەرلىرى گۇرۇپپىلىرى بىلەن ئالاقىسى بار كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆزىنى قانۇنسىز پائالىيەتلەرگە باغلايدىغان ئىپادىلەرنى قايتۇرۇۋېلىش ياكى يالغان سۆزلەش ئۈچۈن ئۇلارنى قۇتراتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى. تەپتىشلەر ئۇرىبېنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىگە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن كەم دېگەندە بىر سابىق خەلق ئەسكىرىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىنى سوتقا سۇندى.

2018-يىلى باشلانغان ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر تەكشۈرۈشتىن كېيىن چىقىرىلغان بۇ قارار، 2024-يىلى مايدا باشلانغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر دۆلەت ئەربابىنى تەكشۈرۈش دەۋاسى نەتىجىسىدە چىقىرىلدى.

سوتتا 90 دىن ئارتۇق گۇۋاھچى گۇۋاھلىق بەردى. ئىلگىرىكى باش تەپتىشلەر دەۋانى تەكشۈرۈشنى توختىتىشقا ئۇرۇنغان ئىدى؛ ئەمما، دەۋا پىرېزىدېنت گۇستاۋو پېترو تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن باش تەپتىش لۇز كامارگو دەۋرىدە قايتىدىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلاندى. پېترو سابىق پارتىزان ۋە ئۇرىبېنىڭ ئەڭ ئەشەددىي سىياسىي رەقىبلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تونۇلىدۇ.

ئۇرىبې ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئەيىبلەشلەرنىڭ سىياسىي مەقسەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۇرىبې سوت جەريانىدا «بۇ بىر سىياسىي ئىتىقامدۇر» دېدى.

ئۇرىبې ھەققىدە داۋاملىشىۋاتقان باشقا تەكشۈرۈشلەرمۇ بار. 1997-يىلى ئانتىيوكۇيا ۋالىيسى بولغان مەزگىلدە دېھقانلارغا قارىتىلغان قوراللىق خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە سوراق قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا، پىرېزىدېنتلىق دەۋرىدە يۈز بەرگەن مىڭلىغان سوتسىز قەتل قىلىش قىلمىشلىرىدا رولى بارلىقىغا توغرىسىدا ئارگېنتىنادا ئۇنىڭ ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇلغان. ھالبۇكى، ئۇرىبې بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلماقتا.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو بولسا ئۇرىبېنىڭ سوتلىنىشىنى ئەيىبلەپ، بۇ ئەھۋالنى «كولومبىيە ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ رادىكال سوتچىلار تەرىپىدىن قورالغا ئايلاندۇرۇۋېلىنىشى» دەپ ئاتىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى