كۈندىلىك قىسقا خەۋەلەر-25.12.2024
بۈگۈن 2024-يىلى 25-دېكابىر، كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...
00:00
كۈندىلىك قىسقا خەۋەلەر-25.12.2024
تېزلىك يۇقىرى خەۋەر / TRT World

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ ھاماس بىلەن ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن سۆھبەت گۇرۇپپىسىنىڭ دۆلەتكە قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ھاماس بىلەن ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن قاتارغا كەتكەن يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەت ۋەكىللىرىنىڭ ئىچكى قىسىمدا كېڭىشىش ئۈچۈن دۆلەتكە قايتىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

بۇ ئۇقتۇرۇش موساد ۋە ھەربىي ئەمەلدارلار قاتناشقان بىر ھەپتىلىك قويۇق سۆھبەتلەردىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نېتانىياھۇنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشى سۆھبەتنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە 10 مىڭ 300 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى تۇتۇپ تۇرماقتا ئىكەن، غەززەدە تەخمىنەن 100 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىر بار ئىكەن.

ب د ت نىڭ يەر شارى ئاچارچىلىقنى كۆزىتىش دوكلاتى ئۇرۇش ۋەيران قىلىۋەتكەن سۇداندا ئاچارچىلىقنىڭ يامراپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ب د ت نىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ئۇنىۋېرسال ئاشلىق بىخەتەرلىكى باسقۇچىنى تۈرگە ئايرىپ ئاچارچىلىقنى تەكشۈرۈش كومىتېتى، سۇداندىكى ئاچارچىلىقنىڭ بەش يېڭى رايونغا كېڭەيگەنلىكىنى، 5-ئايغىچە يەنە بەش رايونغا تەھدىت سېلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە 24 مىليون 600 مىڭ سۇدانلىق ئېغىر ئاچارچىلىققا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن، ئۇرۇشۇۋاتقان تەرەپلەر بولسا، مۇھىم ياردەملەرنىڭ نىشانلانغان  ئورۇنلارغا يېتىپ بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا ئىكەن.

بۇ دوكلات سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشلىق كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى تەھلىل قىلىش مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇشىغا قارىماي ئېلان قىلىندى؛ ھۆكۈمەت دۈشەنبە كۈنى ئاچارچىلىقنى تەكشۈرۈش كومىتېتىغا تەرەپ بولۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى، كومىتېتنىڭ «سۇداننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشەنچسىز دوكلاتلار»نى ئېلان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پانامالىقلار ترامپنىڭ قانالنى قايتۇرۇۋېلىش تەھدىتىگە قارشى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

پانامالىق نامايىشچىلار ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ پاناما قانىلىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا ئېلىش چاقىرىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ رەسىمىگە ئوت قويدى.

نامايىشچىلار «پاناما خەلقنىڭ دۈشمىنى» دەپ شوئار تولىغان ھالدا ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدا يىغىلدى.

پانامالىق ئەمەلدارلار بولسا، قانالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ پاناماغا ئائىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە ترامپنىڭ ئادىل بولمىغان ئىش ھەققى ۋە خىتاينىڭ تەسىرى ھەققىدىكى باياناتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، «قانال پانامانىڭدۇر، ئۇنى سودىلىشىش تېمىسى قىلىشقا بولمايدۇ» دېدى.

 

موزامبىكتىكى سايلامدىن كېيىن يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە كەم دېگەندىمۇ 21 ئادەم قازا قىلدى

موزامبىك دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ فرىلىمو پارتىيەسى نامزاتى دانىيال چاپونىڭ پىرېزىدېنتلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئىنتايىن ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەلىرى بىلەن زىلزىلىگە كەلدى.

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئىككىسى ساقچى بولۇپ كەم دېگەندە 21 ئادەم قازا قىلدى، 236 قېتىم زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەردى.

نامايىشچىلار ئاپتوموبىللارغا ئوت قويۇۋەتتى، ساقچى ئىدارىسى بىنالىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، مەھبۇسلارنى قويۇپ بەردى، بۇ ۋەقەلەر موزامبىكنىڭ ۋەزىيىتىنى بىردىنلا جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى.

ۋە ئاخىرىدا

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى — ناسانىڭ پاركېر تەكشۈرۈش كېمىسى 930 سېلسىيە گىرادۇسلۇق تېمپېراتۇرىدا قۇياشقا يېقىنلىشىپ، تارىخ ياراتتى.

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى — ناسانىڭ «پاركېر قۇياش تەكشۈرۈش ئەسۋابى» ناملىق كېمىسى قۇياشقا يېقىنلىشىش ئارقىلىق تارىخ ياراتتى .

بىلدۈرۈلۈشىچە، كېمە قۇياش يۈزىدىن 6 مىليون 100 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچقان بولۇپ، تېمپېراتۇرا 930 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، قىممەتلىك ئىلمىي سانلىق مەلۇماتلارنى توپلىيالىغان.

بۇ قۇياشنىڭ تۈپ سىرىنى ئېچىش ئۈچۈن يولغا چىققان ۋە ئۈچ رېكورتنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلغان بىر قاتار ئېكسپېدىتسىيە ئۇچۇشلىرىنىڭ بىرىنچى قېتىملىقى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى