خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئافغانىستاندا يەر تەۋرەپ، 250 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى، 500 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى
مەسئۇللار مەركەز ۋە ئەتراپتىكى ۋىلايەتلەردىن يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن كۇنار ۋىلايىتىگە ياردەم ئەترەتلىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى، خادىملار ۋە يەرلىك خەلقنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئافغانىستاندا يەر تەۋرەپ، 250 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى، 500 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى
/ X

ئافغانىستان ئۇچۇر-ئاخبارات مىنىستىرلىقى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، يەكشەنبە كېچىسى ئافغانىستاننىڭ شەرقىدە يۈز بەرگەن 6.0 بال كۈچلۈكلۈكتىكى يەر تەۋرەشتە 250 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 500 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى (USGS) يەر تەۋرەشنىڭ گىرىنۋىچ ۋاقتى 19:17 دە، جالالئابادنىڭ 27 كىلومېتىر شەرقىي شىمالىدا يۈز بەرگەنلىكىنى، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقىنىڭ 8 كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

مىنىستىرلىق ئەمەلدارى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا كۇنار ۋىلايىتىنىڭ نۇر گال، ساۋكى، ۋاتپۇر، مانوگى ۋە چاپا دارا ناھىيەلىرىدە ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسىنىڭ دوكلات قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، نۇرغۇن يىراق رايونلاردىكى يەرلىك خەلق بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ياردەم ئەترەتلىرىنىڭ يولدا ئىكەنلىكىنى، شۇڭا قازا قىلغانلار ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر ئەمەلدار يەنە ساۋكى ناھىيەسىدىكى دېۋا گۈل ۋە نۇر گۈل ناھىيەسىدىكى مازار داراغا تۇتىشىدىغان يوللارنىڭ تاغ گۈمۈرۈلۈش سەۋەبىدىن تاقىلىپ قالغانلىقىنى، قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا يېتىپ بېرىشىنىڭ قىيىنغا توختاۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

يەرلىك خەلق بۇ يەر تەۋرەشنىڭ دۆلەتتە يۈز بەرگەن ئەڭ كۈچلۈك يەر تەۋرەشلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد يەر تەۋرەشنىڭ ئادەم ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى دەلىللىدى.

مۇجاھىد X سۇپىسىدا: «ئەپسۇسكى، بۈگۈن كەچتىكى يەر تەۋرەش شەرقتىكى ۋىلايەتلىرىمىزنىڭ بەزىلىرىدە ئادەم ئۆلۈش ۋە مال-مۈلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» دەپ يازدى.

مۇجاھىد يەرلىك ئەمەلدارلار ۋە خەلقنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، مەركەز ۋە ئەتراپتىكى ۋىلايەتلەردىن ياردەم ئەترەتلىرىنىڭ رايونغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتچى: «ھايات قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بارلىق مەنبەلەر ئىشقا سېلىنىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چوڭ يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئوخشاش رايوندا كەم دېگەندە 5.2 بال كۈچلۈكلۈكتە يەنە ئىككى قېتىم يەر تەۋرىگەن.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى