سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدا ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدا ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ۋە ئىشغالىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدا ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدا ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى / Reuters

ئىسرائىلىيە كۈچلىرى لىۋاننىڭ جەنۇبىدا كەڭ كۆلەملىك قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى باشلاپ لىتانى دەرياسىدىن ئۆتتى؛ «قوراللىق خەلق ئەسكەرلىرى» گە تەۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنى ۋە بازىلارنى نىشان قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يەكشەنبە كۈنى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بوفورت تاغ تىزمىسى (Beaufort Ridge) ۋە ۋادى ئەلسالۇكى رايونىدا «كەڭ كۆلەملىك» ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئارمىيە باياناتچىسى ئېللا ۋاۋېيا ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىشغالىيەتنىڭ «بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى زور قۇرۇقلۇق قىسىملىرى بىلەن» باشلانغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋاۋېيا بۇ قەدەمنىڭ «تېررورلۇق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلىش ۋە قوراللىق خەلق ئەسكەرلىرىنى يوقىتىش» مەقسىتىدە تاشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ «لىتانى دەرياسىدىن ئۆتكەنلىكىنى ۋە دەريانىڭ شىمالىدا ھىزبۇللاھقا قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى كېڭەيتكەنلىكىنى» دەۋا قىلغان ۋاۋېيا، «ھەربىي ھەرىكەتنىڭ دائىرىسىنىڭ باشقا رايونلارغىمۇ كېڭەيتىلگەنلىكىنى» سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ۋاۋېيا ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ «ھىزبۇللاھنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ئاساسلىق تايانچ مەركەزلىرىنىڭ بىرى» دەپ سۈپەتلەنگەن «نەباتىيە شەھىرى ئەتراپىدا» ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە «زۆرۈر تېپىلغاندا ھۇجۇم دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى» بىلدۈردى.

لىۋاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ھەربىي مەنبەسى شەنبە كۈنى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىتانى دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى يېزىلارغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ۋە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى نەباتىيەنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغا يېتىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيە 17-ئاپرېلدا يولغا قويۇلغان ۋە ئامېرىكانىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان ۋاسىتىلىك سۆھبەتلەردىن كېيىن مۇددىتى 17-مايدىن باشلاپ 45 كۈن ئۇزارتىلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، لىۋانغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇردى.

لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2-مارتتىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى مەملىكەت مىقياسىدا 3370 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن  بولغان.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن كانادا ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى باشلايدۇ
ئىراننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى لىنىيەسى ھورمۇزدىن باب ئەل-مەندەبگىچە سوزۇلىدۇ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
2025-يىلى يادرو قوراللىرى خىراجىتى رېكورت خاراكتېرلىك ئېشىپ 118.8 مىليارد دوللارغا يەتتى
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى
«ئىستانبۇل باياننامىسى» دە ھەمكارلىق سىگنالى بېرىلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
تۇساش باش مۇدىرى دەمىرئوغلۇ: تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلان تۈرلىرىدە ياۋروپانىڭ ئالدىدا
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى