سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىلىدىغان 60 مىليون دوللارلىق ئىئانە بىكار قىلىندى
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى پاراكەندىچىلىك ۋە ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى كۈرەشتىكى پاسسىپلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ئۇنىۋېرسىتېتقا بېرىلىدىغان 60 مىليون دوللارلىق ئىئانىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىلىدىغان 60 مىليون دوللارلىق ئىئانە بىكار قىلىندى
/ Reuters

ئامېرىكا سەھىيە ۋە ئىنسانىي خىزمەتلەر مىنىستىرلىقى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىلىدىغان 60 مىليون دوللارلىق فېدېراتسىيە ئىئانىسىنى، «يەھۇدىيلارغا قارشى پاراكەندىچىلىك ۋە ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تەدبىر قوللانمىغانلىقى»نى سەۋەب كۆرسىتىپ بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىق دۈشەنبە كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى يەھۇدىيلارغا قارشى پاراكەندىچىلىك ۋە ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تەدبىر قوللانماسلىقنى داۋاملاشتۇرغان بولغاچقا، ئومۇمىي سوممىسى تەخمىنەن 60 مىليون دوللارغا يېتىدىغان ئۇزۇن يىللىق ئىئانە مۇكاپاتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى. باياناتتا يەنە: «ترامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدە، ئۇنىۋېرسىتېت ھويلىسىدىكى [مەكتەپ رايونىدىكى] كەمسىتىشكە ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ. فېدېراتسىيە مەبلىغى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى قوغدايدىغان ئورگانلارنى قوللىشى كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

يېقىنقى ھەپتىلەردە ترامپ ھۆكۈمىتى، خارۋاردقا قاراتقان بېسىمىنى كۈچەيتكەنىدى؛ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەخمىنەن 9 مىليارد دوللارلىق فېدېراتسىيە مەبلىغى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە بەزى پەلەستىننى قوللايدىغان گۇرۇپپىلارغا ۋە نامايىشلاردا ئىشلىتىلگەن نىقابلارغا [ماسكىلارغا] قارشى تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خارۋاردتىن تاشقى ئالاقىلىرى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغان، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ باج كەچۈرۈم قىلىنىش سالاھىيىتىنى ۋە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغانىدى.

ئاپرېل ئېيىنىڭ باشلىرىدا ئۇنىۋېرسىتېت، ترامپنىڭ تەلەپلىرىنى «ئىپادە ئەركىنلىكى ۋە ئاكادېمىك ئەركىنلىككە قىلىنغان ھۇجۇم» دەپ سۈپەتلەپ رەت قىلغان ۋە شۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا تەخمىنەن 2.3 مىليارد دوللارلىق فېدېراتسىيە مەبلىغىنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقى سەۋەبىدىن ترامپ ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغانىدى.

بېسىم ئاستىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار

ترامپ ھۆكۈمىتى، پەلەستىننى قوللايدىغان نامايىشلار ۋە باشقا مەسىلىلەر سەۋەبىدىن ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا قاراتقان بېسىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، بۇ نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېت [خارۋارد] ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى كۈچەيتتى.

كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن باشلانغان نامايىشلارنىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېت ھويلىلىرىدا [مەكتەپ رايونلىرىدا] پەلەستىننى قوللايدىغان نامايىشلارنىڭ كېڭىيىشىگە سەۋەب بولغان بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 400  مىليون دوللارلىق فېدېراتسىيە مەبلىغى بىكار قىلىندى. ئاخىرىدا، ئۇنىۋېرسىتېت بېسىمغا باش ئېگىپ، ئۇنىۋېرسىتېت ھويلىسىدىكى نامايىش سىياسەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىلىك سىياسەت ئۆزگىرىشلىرىنى ئېلان قىلدى.

كېيىن ترامپ، پەلەستىننى قوللايدىغان نامايىشلارغا يول قويغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭمۇ فېدېراتسىيە مەبلەغلىرىنى توڭلىتىۋەتتى.

ئىزدىنىڭ
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم تۈركىيەگە كېلىدۇ
بېرلىندا ئامما ئارىسىغا بىر ئاپتوموبىل بېسىپ كىردى. 1 كىشى ئۆلۈپ، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
ترامپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قېيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىرانغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەتنى ۋاقىتلىق توختاتتى
ئىران، بەھرەيىن، ئىيوردانىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەتتە كىشى قازا قىلدى
رومىنىيە ئىككى كۈن ئىچىدە رۇسىيەنىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى
ترامپ ئىراننىڭ مۇزاكىرىلەردە ئەمدى تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ب د ت باش كاتىپى ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەمەشقتا زىيارەتتە بولماقتا
ياۋروپا ئىتتىپاقى: «پۇتىن ۋاقىت ئۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا»
ئىتالىيەدە ئورمان ئوت ئاپىتى چىقىرىش ئۈچۈن مۆشۈكلەرنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى ئېنىقلاندى
پەسىللىك يامغۇر ھىندىستانغا ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلدى. 50 كىشى ئۆلۈپ، 700 مىڭ كىشى ئۆي-ماكانسىز قالدى
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى