تۈركىيە بىلەن قاتار دۆلەت مۇداپىئەسى، سودا ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى
دوھادىكى 11-نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كومىتېتى يىغىنىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلغان ئەردوغان بىلەن ئال سانى يىغىندىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىر قاتار كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالىنىشىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
تۈركىيە بىلەن قاتار 11-نۆۋەتلىك تۈركىيە-قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كومىتېتى يىغىنى دائىرىسىدە بىر يۈرۈش كېلىشىم ۋە ئورتاق باياناتنامە ئىمزالىدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى چارشەنبە كۈنى دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن 11-نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كومىتېتى يىغىنىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەر تۈرلۈك كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىككى رەھبەر ئەمىرلىك سارىيىدا يېپىق سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ھەيئەتلەرئارا سۆھبەتكە قاتناشتى.
«تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن قاتار دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى 11-نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كومىتېتى يىغىنىنىڭ ئورتاق باياناتنامىسى» نى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن قاتار باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇراھمان ئال سانى ئىمزالىدى.
«تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىستراتېگىيە ۋە خامچوت ئىدارىسى بىلەن قاتار دۆلىتى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات پىلانىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ھەمكارلىشىش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش رامكا كېلىشىمىنى» نى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات ۋە قاتار دۆلەتلىك پىلان كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەزىز بىن ناسىر ئەل خەلىفە ئىمزالىدى.
«تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرلىقى بىلەن قاتار دۆلىتى سودا-سانائەت مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق مىنىستىرلىق باياناتنامىسى»نى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات بىلەن قاتار سودا-سانائەت مىنىستىرى شەيخ فايسال بىن سانى ئال سانى ئىمزالىدى.
«دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە ھەمكارلىشىش توغرىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش رامكا كېلىشىمى» نى تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى خالۇق گۆرگۈن بىلەن قاتار مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە مۇداپىئە ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى شەيخ سەئۇد بىن ئابدۇراھمان بىن ھەسەن بىن ئەلى ئال سانى ئىمزالىدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتاردىكى رەسمىي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۈچ كۈنلۈك پارس قولتۇقى زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان ئومانغا قاراپ يولغا چىقتى.