خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ياپونىيەگە تاشلانغان ئاتوم بومبىلىرىدا قازا قىلغان 38 مىڭ بالىغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى
يادرو قوراللىرىنى پۈتۈنلەي چەكلەش خەلقئارا ھەرىكىتى (ICAN) يەرشارىۋى جىددىيچىلىك كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى باشلاپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنى يادرو قورالسىزلىنىشقا چاقىردى.
ياپونىيەگە تاشلانغان ئاتوم بومبىلىرىدا قازا قىلغان 38 مىڭ بالىغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى
/ AP

يادرو قوراللىرىنى پۈتۈنلەي چەكلەش خەلقئارا ھەرىكىتى (ICAN) يەرشارىۋى جىددىيچىلىك كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، يادرو قورالسىزلىنىشقا چاقىرىق قىلىش بىلەن بىرگە، ئاتوم بومبىسى قۇربانى بولغان بالىلارنىڭ خاتىرىسىنى ياد ئېتىش ئۈچۈن رەقەملىك خاتىرە سۇپىسىنى ئىشقا كىرگۈزدى.

نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بۇ يادروغا قارشى گۇرۇپپا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىروشىما ۋە ناگاساكىغا قىلغان ئاتوم بومبىسى ھۇجۇمىنىڭ 80 يىللىقى ھارپىسىدا، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان 38 مىڭ بالىنىڭ روھىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن سەيشەنبە كۈنى توردا خاتىرە سۇپىسىنى ئاچتى.

يادرو قوراللىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش خەلقئارا ھەرىكىتىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ خاتىرە سۇپىسىدا 400 دىن ئارتۇق بالىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىغا ئائىت تەپسىلاتلار، پاجىئەلىك ئۆلۈمى ۋە ھايات قالغان ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ چەككەن چوڭقۇر قايغۇ-ھەسرىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بېرىلگەن.»

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «بىز بۇ يۈرەكنى داغلايدىغان ھېكايىلەرنى ئورتاقلىشىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ خاتىرىسىگە ھۆرمەت قىلىشنى ۋە يادرو قوراللىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلىمىز. يەرشارىۋى جىددىيچىلىك كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ تېخىمۇ جىددىي بىر ۋەزىپىدۇر.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 1945-يىلى 6- ۋە 9-ئاۋغۇست كۈنلىرى ياپونىيەنىڭ بۇ ئىككى شەھىرىگە ئاتوم بومبىسى تاشلىغان؛ بۇ يادرو قوراللىرىنىڭ ئۇرۇشتا ئىشلىتىلگەن بىردىنبىر ئۆرنىكى بولۇپ، ياپونىيە بۇ ھۇجۇملاردىن بىر نەچچە كۈن كېيىن تەسلىم بولغان.

خىروشىمادا تەخمىنەن 140 مىڭ، ناگاساكىدا بولسا 74 مىڭغا يېقىن ئادەم قازا قىلغان بولۇپ، بۇ سانغا پارتلاشتىن ئامان قالغان، ئەمما كېيىن رادىياتسىيەنىڭ تەسىرىدىن قازا قىلغانلارمۇ كىرگۈزۈلگەن.

يادرو قوراللىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش خەلقئارا ھەرىكىتى خىروشىما ۋە ناگاساكىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، جەمئىي 210 مىڭغا يېقىن قۇرباننىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 38 مىڭىنىڭ بالا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋاشىنگتون بۇ بومباردىمانلار ئۈچۈن ھېچقاچان رەسمىي كەچۈرۈم سوراپ باقمىدى.

تور سۇپىسىدىكى تۇرنا سىنبەلگىسىنى باسقان زىيارەتچىلەر 426 بالىنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇيالايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 132 بالىنىڭ رەسىمىمۇ بار. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بوۋاقلاردىن تارتىپ ياش-ئۆسمۈرلەرگىچە ھەر خىل ياشتىكى بالىلار بار.

بۇلارنىڭ ئىچىدە خىروشىما ئاتوم بومبىسى ھۇجۇمىدىن ئىككى كۈن كېيىن ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ئازاب ئىچىدە جان ئۈزگەن 13 ياشلىق تاداكو تامېنومۇ بار.

ناگاساكى ئاتوم بومبىسى ھۇجۇمىدا بولسا مىزۇماچى ئائىلىسىدىن ئالتە بالا قازا قىلغان، پەقەت 14 ياشلىق ساچىكو ئىسىملىك بىر قىزلا ھايات قالغان.

بۇ پائالىيەت ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ۋاشىنگتوننىڭ ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە قىلىنىشى مۇمكىن بولغان ھۇجۇمنى خىروشىما ۋە ناگاساكى بومباردىمانىغا ئوخشاتقاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلدى.

ترامپ لاھەيدە: «ئەمەلىيەتتە، خىروشىما بىلەن ناگاساكىغا قارايدىغان بولسىڭىز، بۇنىڭ بىر ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى كۆرىسىز» دېگەن ئىدى.

بۇ سۆز ھايات قالغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغاپ، خىروشىمادا كىچىك كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلۈشىگە سەۋەب بولدى. شەھەرلىك كېڭەش ئاتوم بومبىسى ئىشلىتىشنى ئاقلايدىغان ھەر قانداق باياناتنى ئەيىبلەش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى.

يادرو قوراللىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش خەلقئارا ھەرىكىتى  2017-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۆتكەن يىلى بۇ مۇكاپات خىروشىما ۋە ناگاساكىدا ھايات قالغانلار تەشكىللىگەن ئاممىۋى ھەرىكەت «نىخون ھىدانكيو»غا بېرىلگەن.

ئىزدىنىڭ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»
ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئۆلكىسىدىكى سەللەردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 100 گە ئۆرلىدى
ئىران ھۆرمۈز بوغۇزىنى ئېچىش ئۈچۈن ئالتە شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا زاپىسى ئازيماقتا
رۇسىيە ئۇكرائىناغا كېچىدە 17 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 202 قوراللىق ھاۋا ئاپىراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئودېسسا ۋە چورنومورسك پورتلىرىغا زەربە بەردۇق»