سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: رۇمەيسا ئۆزتۈركنىڭ ئانتىسېمىتىزم ۋە تېررورلۇق بىلەن چېتىشلىقى يوق
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى مەنبە قىلغان بىر دوكلاتتا، ترامپنىڭ «ئۆزتۈركنىڭ ھاماسنى قوللىغانلىقى»غا دائىر ئاساسسىز ئىددىئاسىغا تايىنىپ، ئۆزتۈركنىڭ ۋىزىسىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن ھېچقانداق ئاساس يوق، دېگەن خۇلاسىگە كېلىنگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: رۇمەيسا ئۆزتۈركنىڭ ئانتىسېمىتىزم  ۋە تېررورلۇق بىلەن چېتىشلىقى يوق
Ozturk's case is one of a growing list that targets pro-Palestine students criticising Israel's genocide in the blockaded enclave. / Reuters

بىر دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ماسساچۇسېتس ئىشتاتىدىكى تافتس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى رۇمەيسا ئۆزتۈركنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقىغا ياكى بىرەر تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللىغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق دەلىل تاپالمىغان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مارت ئېيىدا ھازىرلىغان بىر دوكلاتىدا، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۆزتۈركنىڭ پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى ھاماسنى قوللىغانلىقى ياكى ئانتىسېمىتىزم (يەھۇدىيلارغا قارشى) ياكى زوراۋانلىق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى» دېگەن قاراشلىرىنىڭ، ئۇنىڭ ۋىزىسىنى بىكار قىلىشقا ئاساس بولالمايدىغانلىقىنىڭ قەيت قىلىنغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان نامسىز مەنبەلەرگە قارىغاندا، دوكلاتتا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيونىڭ، دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسەت مەنپەئەتىنى قوغداش ھوقۇقى دائىرىسىدە ئۆزتۈركنىڭ ۋىزىسىنى بىكار قىلىشقا يېتەرلىك ئاساسى يوقلۇقى بىلدۈرۈلگەن.

تافتس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بالىلار ۋە ئىنسان تەرەققىياتى كەسپىدە فۇلبرايت ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن دوكتور ئاسپىرانتلىقى ئوقۇۋاتقان ئۆزتۈرك، سومېرۋىللې شەھىرىدىكى تۇرالغۇسىنىڭ ئالدىدا، ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا ئىجرا قىلىش ئىدارىسى نىڭ (ICE)  نىقابلىق خادىملىرى تەرىپىدىن كۈپكۈندۈزدە تۇتۇپ كېتىلگەن.

ئۆزتۈركنىڭ نازارەتكە ئېلىنىشى، ئىسرائىلىيەپەرەس «Canary Mission» ناملىق تور بېكىتىنىڭ، ئۇنى 2024-يىلى مارتتا «Tufts Daily» ئوقۇغۇچىلار گېزىتىدە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ۋەھشىي قىرغىنچىلىقىغا قارىتا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلغان بىر ماقالىنى باشقىلار ھەمكارلىشىپ يېزىش بىلەن ئەيىبلىشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى (DHS) تەرىپىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللانغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئاندرې ۋاتسون ئىمزالىق بىر پارچە مەكتۇپتا، «ئۆزتۈركنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىر ھاماسنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرگە قاراتقان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ئىسرائىلىيەگە قارشى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى» قەيت قىلىنغان.

مەكتۇپتا يەنە، ئۆزتۈركنىڭ «بىر ماقالىنى ھەمكارلىشىپ يازغانلىقى» ۋە بۇ ماقالىدە «تافتس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەبلەغ سېلىنمىلىرىنى ئاشكارىلىشىنى ھەمدە ئىسرائىلىيە بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك مۇناسىۋىتى بولغان شىركەتلەردىن مەبلىغىنى قايتۇرۇۋېلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.

ئۈمىدسىز تىرىشچانلىقلار

«ۋاشىنگتون پوچىتىسى» گېزىتى تەكشۈرۈپ چىققان يەنە بىر مەكتۇپتا، دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ، ئۆزتۈركنىڭ ۋىزىسىنى كۆچمەنلەر ۋە پۇقرالىق قانۇنىنىڭ، بىر كىشىنىڭ (دۆلەتتە) مەۋجۇت بولۇشىنىڭ «ئامېرىكا ئۈچۈن پايدىسىز سىياسىي ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقى»غا دائىر «مۇۋاپىق ئاساسلار»نى تەلەپ قىلىدىغان بىر ماددىسىغا ئاساسەن بىكار قىلىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

مەكتۇپتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا ئۆزتۈرك ھەققىدە تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئۇچۇر يوقلۇقى بىلدۈرۈلگەن. يەنە بىر ئىچكى ھۆججەتتە، ۋىزىنى بىكار قىلىشنىڭ «ئۈن-تىنسىز» بولىدىغانلىقى، يەنى ئۆزتۈرككە ئالدىن ئۇقتۇرۇلمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسىسى تاممي برۇس مارت ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «سوتى داۋاملىشىۋاتقان، ھۆكۈم چىقىرىلىش ئالدىدا تۇرغان بىر مەسىلە ھەققىدە پىكىر بايان قىلالمايمەن» دېگەنىدى.

برۇس يەنە: «دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ئۇنىڭ نازارەتكە ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلىدىغان جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقىغا ئېنىق ئىشىنەتتى» دېگەن بولسىمۇ، بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىدى ۋە ھېچقانداق دەلىل كۆرسەتمىگەنىدى.

بېسىملار

ئۆزتۈركنىڭ دېلوسى، ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋدىكى رايوندا (غەززەدە) يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تەنقىد قىلغان پەلەستىن تەرەپدارى ئوقۇغۇچىلارغا قارشى تەييارلانغان ۋە كۈنسېرى ئۇزىراۋاتقان تىزىملىككە قوشۇلدى.

8 -مارت دائىرىلەر، ئۆتكەن يىلى ئەتىيازدا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغان مەھمۇد خەلىلنى تۇتقۇن قىلغان؛ ترامپ بۇ تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنى  بۇ ساھەدە تاشلانغان «تۇنجى قەدەملەرنىڭ بىرى» دەپ ئاتىدى.

ترامپ ھېچقانداق دەلىل كۆرسەتمەيلا، خەلىلنى ھاماسنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىدى. خەلىل بۇ قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلدى. بىر ئامېرىكا سوتچىسى 12-ئاپرېلدا خەلىلنىڭ دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ھۆكۈم چىقاردى.

خەلىلنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىن بىر قانچە كۈن كېيىن، جورجتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ھىندىستانلىق ئوقۇغۇچى بەدەرخان سۇرىمۇ تۇتقۇن قىلىندى. ئۇنىڭ ئادۋوكاتى، سۇرىنىڭ پەلەستىنلىك ئايالى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

سۇرى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، دائىرىلەر يەنە بىر پەلەستىن تەرەپدارى ئوقۇغۇچى مومودۇ تائالنى تەسلىم بولۇشقا چاقىردى.

25 -مارت كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى يۈنسېئو چۇڭ، ئۆتكەن يىلى ئەتىيازدا ئۆتكۈزۈلگەن پەلەستىننى قوللاش نامايىشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكادىن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشنى توختىتىش مەقسىتىدە ترامپ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئەرز سۇنغانلىقىنى ئېيتتى.

لېقا كوردىيا، رانجانى سرىنىۋاسان ۋە ئەلىرېزا دورۇدى قاتارلىق باشقا ئوقۇغۇچىلارمۇ يا نازارەتكە ئېلىندى ياكى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن دۆلەتتىن ئايرىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويدى
ئىران-ئامېرىكا سۆھبەتلىرىدە نېمە قارارلار قىلىندى؟
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى سۆھبىتى تاماملاندى
ئىران: لىۋان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
قاھىرە يىغىنى باشلاندى
ئىران ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى كېچىكتۈرۈلگەن سۆھبەتلەرنى باشلاش ئۈچۈن شىۋىيېتسارىيەگە يېتىپ كەلدى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا ئىككى بومبا پارتلىدى
ترامپ «ئۇچار ئاقساراي» نى تونۇشتۇردى
ۋىتكوف بىلەن ئاراقچى شىۋېيتسارىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ
ئىران سۆھبەتتىن بۇرۇن لىۋاندا ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋانغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 18 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ۋە 7 دۆلەت ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
ۋانس ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا ئالاقىدار شىۋىيېتسارىيە زىيارىتىنى كېچىكتۈردى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئافىنانى تۈركىيە ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ: «تۈركىيەگە ئېھتىياجىمىز بار» دېدى
ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم لايىھەسىگە پاكىستان «مۇرەسسەچى» سۈپىتىدە ئىمزا قويدى
پاكىستان ھىندىستانغا قاراتقان ھاۋا تەۋەلىكى چەكلىمىسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە بولمىسا، ترامپ كەلمەيتتى
تەيۋەن پىرېزىدېنتى ئامېرىكانىڭ قورال سېتىش پىلانىنى تېزدىن تەستىقلىشىنى تەلەپ قىلدى
شېرىف: ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى «دەرھال» قايتا ئاچىدۇ، ئامېرىكا قامالنى «دەرھال» بىكار قىلىدۇ
ترامپ بىلەن پەزەشكىيان ئىمزا قويدى: ئامېرىكا-ئىران كېلىشىمى «رەسمىي ھاسىل قىلىندى»