پورتۇگالىيە ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتېنىڭ رۇسىيە تەھدىتىنىڭ جۇغراپىيەلىك يىراقلىق سەۋەبىدىن بەزى ئىتتىپاقداشلار تەرىپىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە ئەستايىدىل كۆرۈلمەيۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇكرائىنانى قوللاش پوزىتسىيەسى ۋە رۇسىيە تەھدىتىگە قارشى مەيدانىغا كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
پورتۇگالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە مەزكۇر تېمىغا ئالاقىدار بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا: «ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتې، ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللاۋاتقان ھەمدە رۇسىيە شەكىللەندۈرگەن تەھدىتنى پۈتۈنلەي چۈشىنىۋاتقان ئەللەرنى ۋە ھۆكۈمەتلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى ياخشى بىلىشى لازىم» دېيىلدى.
پورتۇگالىيەنىڭ ۋە پورتۇگالىيە خەلقىنىڭ تارىخنىڭ قايسى تەرىپىدە تۇرۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا ھەرگىزمۇ ئىككىلەنمىگەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا: «ناتو باش كاتىپىنىڭ بۇنداق مۇھىم ۋە سەزگۈر مەسىلىدە بۇ قەدەر مەسئۇلىيەتسىزلەرچە سۆزلىشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ» دېيىلدى.
رۇتتې، بىر تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيە خەۋپىنى «يىراق» دەپ قارىغان ھەم بۇنىڭ «ئاساسلىقى پولشاغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى» ئويلايدىغان ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيەدىكى كەسىپداشلىرىغا پات-پات: «رۇسىيەنىڭ ئەڭ يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ لىسبونغا يېتىپ بېرىشى، ۋارشاۋاغا يېتىپ بېرىشىدىن ئاران 5 مىنۇت ئۇزۇنراق ۋاقىت ئالىدۇ» دەپ ئەسكەرتىش بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىگەن ئىدى.




















