تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلغان يېڭى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە دائېشقا چېتىشلىق ئونلارچە گۇماندار تۇتۇلدى
يالوۋا ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن دائېش بىلەن چېتىشلىق ئادەم جېنىغا زامىن بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ماس قەدەمدە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باردى.
تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلغان يېڭى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە دائېشقا چېتىشلىق ئونلارچە گۇماندار تۇتۇلدى
تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلغان يېڭى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە دائېشقا چېتىشلىق ئونلارچە گۇماندار تۇتۇلدى / Reuters

 تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى شەرقتىكى ۋىلايەتلەردە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارىتا ئايرىم-ئايرىم ئېلىپ بېرىلغان ئاختۇرۇش – تەكشۈرۈش ھەرىكەتلىرى داۋامىدا 85 گۇماندارنى قولغا چۈشۈردى.

ۋالىي مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي جەنۇبتىكى شانلىئۇرفا ۋىلايىتىدە ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرى ئارقىلىق دائېشنى مەدھىيەلىگەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان 8 گۇماندار قولغا ئېلىنغان. مەزكۇر ھەرىكەت تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بار تەشۋىقات مەزمۇنلىرى بايقالغاندىن كېيىن، جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان.

شەرقىي ئانادولۇدىكى ئاغرى ۋىلايىتىدە بولسا دائېش پائالىيەتلىرىگە قارىتا ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەردە 10 گۇماندار تۇتقۇن قىلىنغان.  گۇماندارلارنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا چەكلەنگەن نەشر بۇيۇملىرى ۋە رەقەملىك ماتېرىياللار قولغا چۈشۈرۈلگەن.

شۇ كۈنى، ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن دائېشقا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان يەنە بىر تەكشۈرۈش دائىرىسىدە قولغا چۈشۈرۈلگەن 147 گۇمانداردىن 67 سى تۇتقۇن قىلىنغان. تۇتقۇن قىلىنغانلار ئارىسىدا يالوۋادىكى تەشكىلات ئەزالىرى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان 41 كىشىمۇ بار ئىكەن. ئوخشاش بىر تەكشۈرۈش دائىرىسىدە 32 گۇماندار تۈركىيەگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىش ئۈچۈن قايتۇرۇش مەركىزىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

 دائىرىلەر قانۇنسىز دەرس بېرىش ۋە تەبلىغ پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ تەشكىلاتقا ئەزا توپلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر تەشكىللىگۈچىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقىنى، شۇنداقلا يالوۋادىكى ھۇجۇم، تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ياكى توقۇنۇش رايونلىرى بىلەن ئالاقىسى بار نۇرغۇن گۇماندارنىڭ كىملىكىنىڭ بېكىتىپ چىقىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە، 2025-يىلى 30-دېكابىردا ئىستانبۇل ۋە باشقا ئىككى ۋىلايەتتىكى جەمئىي 114 ئورۇنغا ماس قەدەمدە ئاختۇرۇش – تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ، 110 گۇماندار قولغا چۈشۈرۈلدى. تەكشۈرۈشلەر 29-دېكابىردا يالوۋادا ئۈچ ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغان ھۇجۇمدىن كېيىن، تەشكىلاتنىڭ ئادەم توپلاش، تەشۋىقات ۋە تەشكىلىي پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قارىتا داۋاملاشماقتا.

يالوۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى كەم دېگەندە ئالتە دائېش تېررورچىسىنى بىر تەرەپ قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «مۇكەممەل بىر ئىنقىلاب ياراتماقتا»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنىنى تەبرىكلىدى
پاكىستان: 6 دىن كۆپ دۆلەت مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمىگە قاتنىشىشقا قىزىقماقتا
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئىران ئۇرۇشى پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن كامپ داۋىدتا يىغىن چاقىردى
خالۇق گۆرگۈن: دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى ياشلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدۇر
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنى» نى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان  قىلدى
ترامپ: ئىران مەسىلىسى ھەل قىلىنسا نېفىت باھاسى تۆۋەنلەيدۇ
رۇسىيە كىيېۋدىكى يەنە بىر كۆۋرۈكنى بومباردىمان قىلدى، قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى
ترامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشقا ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولدى
بېلگىيەدە بومبا تەھدىتى سەۋەبىدىن 1700 ئوقۇغۇچى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گۈلەر: كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 3982 گە يەتتى
مېكسىكادا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا مۇئاۋىن مۇدىر قازا قىلدى
تۈركىيە ئېفىيوپىيە ساقچىلىرىنى تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلىدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر ئەزەربەيجانلىق ۋە گىرۇزىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى