خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
فىرانسىيە ئۇكرائىنانى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون قىش پەسلىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ئۇكرائىنانى رادار ۋە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
فىرانسىيە ئۇكرائىنانى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ
فىرانسىيە ئۇكرائىنانى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، ئۇل ئەسلىھەلىرى رۇسىيە تەرىپىدىن نىشان قىلىنغان ئۇكرائىنانى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

ئېممانۇئېل ماكرون ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 81-نۆۋەتلىك يىغىنى جەريانىدا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن «قويۇق سۆھبەت» ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ مىليونلىغان ئۇكرائىنالىقنىڭ توك ۋە ئىسسىقلىق تەمىناتىدىن مەھرۇم قېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ماكرون، ئۇكرائىنانىڭ قىش پەسلىدىن ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن فىرانسىيەنىڭ ھەمىشە ئۇلارنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ماكرون يەنە زېلېنسكىي بىلەن ئۇكرائىناغا رادار ۋە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئائىت كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇكرائىنانى قوللاش مەسىلىسىنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەنمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بايان قىلغان ماكرون، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قارادېڭىزدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن نىيۇ يوركتا تۇرۇۋاتقان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان كۆرۈشۈشىنىڭ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى