سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئۇكرائىنا كېلىشىمىدە قىرىمنى رۇسىيە زېمىنى دەپ ئېتىراپ قىلىشى مۇمكىن
پىرېزىدېنت ترامپنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئارىسىدىكى ئۇرۇشنى توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئامېرىكا ئۇكرائىنا كېلىشىمىدە قىرىمنى رۇسىيە زېمىنى دەپ ئېتىراپ قىلىشى مۇمكىن
People walk past a banner depicting Russian President Vladimir Putin in Sevastopol, Crimea March 22, 2025. / Reuters

ئالاقىدار ئەمەلدارلار تىنچلىق كېلىشىمى سۆھبەتلىرى ئىلگىرىلىمىگەن تەقدىردە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تىنچلىق سۆھبەتلىرىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بارلىقى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بىر پەيتتە بلۇمبېرگ قانىلى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئېھتىماللىق، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى قانىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ، موسكۋا بىلەن كىيېۋ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلمەكچى بولغان تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بىر تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئۇكرائىنانىڭ قىرىم رايونىدىكى رۇسىيە كونتروللۇقىنى ئېتىراپ قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەر، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ئەلچىسى ستېۋ ۋىتكوفنىڭ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنادا «مەڭگۈلۈك تىنچلىق» ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىشىدىن كېيىن تارقالدى. ۋىتكوف فوكس خەۋەرلىرىگە قىلغان سۆزىدە، «پۇتىننىڭ تەلىپى بۇ يەردە مەڭگۈلۈك بىر تىنچلىق ئورنىتىش. بىز ئۇرۇش توختىتىشتىن ھالقىپ، بۇنىڭغا بىر جاۋاب ئالدۇق» دېدى.

بۇ ئېھتىماللىق دائىرىسىدىكى يول قويۇش، ترامپنىڭ بىر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئارزۇسىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ترامپ ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو جۈمە كۈنىدىكى باياناتلىرىدا، سۆھبەتلەردە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنالمىغان ئەھۋالدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىق ۋاسىتىچىلىقى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى توختىتىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋىتكوف سۆھبەتلىشىلىۋاتقان تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، «بەش رايون»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى، لېكىن سۆھبەتلەرنىڭ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇكرائىنانىڭ ناتوغا قوشۇلۇش ئۇرۇنۇشىدىن ۋاز كېچىشى ۋە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودىنى ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى قاتارلىق تېخىمۇ كەڭ مەسىلىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قىرىمنىڭ قوشۇۋېلىنىشى

رۇسىيە ئالاھىدە قىسىملىرى 2014-يىلى فېۋرالدا، كىرېمىل سارىيىنىڭ قوللىشىدىكى پىرېزىدېنت ۋېكتور يانۇكوۋىچنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇكرائىنادىكى «ئىناۋەت ئىنقىلابى»دىن كېيىن، رايوندىكى رۇس نوپۇسنى ۋە قارا دېڭىز فىلوتىنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، قىرىمنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىلىرىنى كونترول ئاستىغا ئالدى.

16 -مارت ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمدا، رۇسىيەگە قوشۇلۇش يۆنىلىشىدە «زور بىر مايىللىق» ئوتتۇرىغا چىققان، ئەمما بۇ رېفېراندۇم ئۇكرائىنا، ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) ۋە غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن قانۇنلۇق دەپ قارالمىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى