ئىراق ۋە سۈرىيەدە تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

ئىراق ۋە سۈرىيەدە تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى / TRT Uyghur

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ  ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 4 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

 «قەھرىمان قىسىملىرىمىز ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچىنى، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ‹فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييار ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى ئىككى تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى. تېررورچىلار قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزلىرىنى كۈتۈۋاتقان ھالاكەتتىن ھەرگىزمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.»