تۈركىيەنىڭ يەر ياڭىقى  ئېكسپورتىدا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

تۈركىيە بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 11 ئېيىدا يەر ياڭىقى ئېكسپورتىدىن 2 مىليارد 300 مىليون دوللاردىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.

تۈركىيەنىڭ يەر ياڭىقى ئېكسپورتىدا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى / TRT Global

قارادېڭىز يەر ياڭىقى ۋە مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتچىلىرى بىرلىكى تۈركىيەنىڭ بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 11 ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك يەر ياڭىقى ئېكسپورتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى.

 بۇ دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2024-يىلى 1-يانۋاردىن 30-نويابىرغىچە بولغان مەزگىلدە 289 مىڭ 39 توننا يەر ياڭىقى ئېكسپورت قىلىنغان، بۇنىڭدىن 2 مىليارد 349 مىليون 239 مىڭ 446 دوللار كىرىم قىلىنغان.

ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە 251 مىڭ 163 توننا يەر ياڭىقى ئېكسپورت قىلىنغان، بۇنىڭدىن 1 مىليارد 621 مىليون 988 مىڭ 536 دوللار كىرىم قىلىنغانىدى.

تۈركىيەنىڭ 2024-يىلىدىكى يەر ياڭىقى ئېكسپورتى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا 37 مىڭ 876 توننا، بۇنىڭدىن قولغا كەلتۈرگەن كىرىمى 721 مىليون 250 مىڭ 910 دوللار ئاشقان.