ئەنقەرە: غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى كۆپىيىپ كەتتى
ئەنقەرە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، تەرەپلەرنى مۇقىملىق رامكىسىنى بويلاپ تېز ئىلگىرىلەشكە چاقىردى.
ئەنقەرە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، تەرەپلەرنى مۇقىملىق رامكىسىنى بويلاپ تېز ئىلگىرىلەشكە چاقىردى ھەمدە غەززەنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە ئۇرۇشنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىش تەكلىپى سۇندى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، تۈركىيەنىڭ غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ داۋاملىشىۋاتقان كېلىشىم ۋە قائىدە-قانۇنلارغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ زوراۋانلىقنى قايتىدىن كۈچەيتىۋېتىش ۋە تېخىمۇ كەڭ رايوننى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش خەۋپى بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
پەيشەنبە كۈنى TRT World قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خاقان فىدان، 2023-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان غەززەدە يۈز بەرگەن ۋە «ۋەھشىيلىك، ئىنسانلىق تىراگېدىيەسى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەردىن كېيىن، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ جەرياننىڭ بارغانسېرى ئېغىر بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
«ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئۈزلۈكسىز خىلاپلىق قىلىنماقتا» دېگەن خاقان فىدان، 10-ئۆكتەبىردە كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولغاندىن بۇيان، تەخمىنەن 400 پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
فىدان تۈركىيەنىڭ غەززە ئۈچۈن خەلقئارالىق مۇقىملىق ساقلاش كۈچى ۋە باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مەزمۇن قىلغان كېلىشىمنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغا ئۆتۈشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يەنە، سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە «يېقىنقى بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە» دەسلەپكى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
فىدان ئىسرائىلىيەنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي، ئەنقەرەنىڭ ھەر قانداق بىر خەلقئارالىق كۈچكە ھەسسە قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ تۈركىيەنىڭ غەززەدىكى ئىسرائىلىيە ھەرىكەتلىرىگە قارىتا «ئىنسانىيەت ۋىجدانىنىڭ ساداسى» بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
رايون خاراكتېرلىك جىددىيچىلىك نۇقتىلىرى ئەندىشىلەرنى كۈچەيتمەكتە
مىنىستىر فىدان دائېشنىڭ ھېلىھەم ئېغىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى، ئەمما رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىق ئارقىلىق ئۇنى تىزگىنلەشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدىكى «كۈچلۈك ھەمكارلىق» قا ئىشارە قىلدى.
فىدان پ ك ك / ي پ گ نىڭ كونتروللۇقىدىكى «سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى» ناملىق تېررورلۇق تەشكىلاتىنى سۈرىيەنىڭ يېڭى بىخەتەرلىك رامكىسىغا قوشۇۋېتىشتە كۆرۈلگەن كېچىكىشلەرنىڭ، دۆلەتتىكى مىللىي بىرلىكنى ئاجىزلاشتۇرۇش خەۋپى بارلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. ئۇ مۇھىم ئاكتىيورلارنىڭ (تەرەپلەرنىڭ) بۇ جەريانغا بولغان سەۋرىنىڭ «تۈگەۋاتقانلىقى»نى ئېيتتى.
ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ھەققىدىمۇ توختالغان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدا داۋاملىشىۋاتقان مۇرەسسەچىلىك تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە تەرەپلەرنىڭ «ھازىر بىر كېلىشىمگە كېلىشكە ناھايىتى يېقىن» ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھالبۇكى، ئۇ ھەر قانداق بىر كېلىشىمنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئۇكرائىنا جامائەتچىلىكى نەزىرىدە قانۇنلۇق ئاساسقا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
خاقان فىدان يەنە، قارا دېڭىزدا كۆپىيىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ رايوندا تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ دېڭىز بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى قايتا تەكىتلىدى.