سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيەنىڭ ۋولگوگراد شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا 4 كىشى ئۆلدى
رۇسىيەنىڭ ۋولگوگراد شەھىرىدە ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدىن كېيىن سانائەت رايونىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 2 كىشى يارىلاندى.
رۇسىيەنىڭ ۋولگوگراد شەھىرىدە  يۈز بەرگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا 4 كىشى ئۆلدى
رۇسىيەنىڭ ۋولگوگراد شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا 4 كىشى ئۆلدى / AFP (Wire)

رۇسىيەنىڭ ۋولگوگراد شەھىرىدە ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى (ئۇھئا) ئارقىلىق ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىدىن كېيىن بىر سانائەت رايونىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

ۋولگوگراد رايونىنىڭ ۋالىيسى ئاندرېي بوچاروۋ يازما باياناتىدا، رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ رايونغا قارىتىلغان قويۇق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ھۇجۇملىرىغا قايتۇرما زەربە بېرىشكە تىرىشقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى پارچىلىرىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە ۋولگوگرادنىڭ جەنۇبىدىكى سانائەت رايونىغا جايلاشقان بىر شىركەت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.»

ئوتنى ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ جىددىي قانات يايدۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن بوچاروۋ، ھۇجۇمدا 4 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 2 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئاممىۋى تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەردە ئوت ئاپىتىنىڭ رۇسىيەنىڭ نېفىت ماگناتى «لۇكويىل» غا تەۋە ۋولگوگراد نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدا يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىنىڭ بىرى بولغان مەزكۇر قۇرۇلۇش، يىلىغا تەخمىنەن 14 مىليون 800 مىڭ توننا نېفىت بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

ئۇكرائىناغا تەۋە 1198 ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، يېرىم كېچىدە ئۇكرائىنانىڭ 1198 دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئارقىلىق ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا بۇ ئاپپاراتلارنىڭ موسكۋانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى رايونلار ئۈستىدە يوقىتىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىزدىنىڭ
پاكىستاندا ساقچى ئەترىتىگە قوراللىق پىستىرما ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خېگسېتكە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى
قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىيات بانكىسى تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە تۈرلىرىگە 6 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
ئەنگلىيەلىكلەر: ئىسىرائىلىيە دۇنيا تىنچلىقىغا نىسبەتەن ئېغىر تەھدىت
ئەبۇزەبى سۆھبىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى باشلاندى
تۈركىيە قىبرىس سۆھبەتلىرىدىكى ئىلگىرىلەشنى قارشى ئالدى
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيەسىدىكى ئۆزگىرىشنى قارشى ئالدى
غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيەلىك بىر ئەسكەر ئامېرىكادا سوتقا ئەرز قىلىندى
ھېرزوگ پارلامېنت ئەزالىرىنى يېڭى بىر سايلامدىن ساقلىنىشقا چاقىردى
تىرامپ بىلەن نېتانياھۇ ئىرانغا قىلىنىدىغان يېڭى ھۇجۇملار ھەققىدە تىركىشىپ قالدى
بىرلەشمە ئەرەب تىزىملىكى: «نېتانياھۇ تەلۋىلەرچە ھالەتتە، سۆزلىرى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق»
پورتۇگالىيەدىن ناتو باش كاتىپى رۇتتېنىڭ باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردى
Nvidia باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنى تەقىب قىلغان ئايال تەيۋەنگە خوڭكوڭ پاسپورتى بىلەن كىرگەن
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى: ئامېرىكا بىلەن خىتاي سۈنئىي ئەقىل خەۋپ-خەتەرلىرى بويىچە ھەمكارلىشىدۇ
جەنۇبىي كورېيە ۋە ئۇكرائىنا ئەسىر ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىدىن كېيىنكى مۇناسىۋەتلەرنى مۇزاكىرە قىلدى