ئەنئەنىۋى بولمىغان ئۇسۇللار بىلەن قېزىپ چىقىرىلىدىغان سىلانېتس گازى ۋە سىلانېتس نېفىتى پەقەت رايونغىلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ چوڭ ئېنېرگىيە تەڭلىمىسىگىمۇ بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ يەردە توپلىنىدىغان تېخنىكىلىق تەجرىبە باشقا رايونلاردىكى مۇساپىنىمۇ تېزلىتىدىكەن.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم زاپاسلارنىڭ بىرىنى ئېچىش ئۈچۈن دىياربەكىردا خىزمەت باشلاندى… ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئالپئارسلان بايراقتارنىڭ «دىياربەكىردا ئەنئەنىۋى بولمىغان ئۇسۇللار بىلەن نېفىت ئىزدەۋاتقان رايون ئارقىلىق گابارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى 2، ھەتتا 3 ھەسسە ئاشۇرالايمىز» دېگەن سۆزى بۇ نۇقتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
تۈركىيەدىكى داداش فورماتسىيەسى ۋە دىياربەكىردىكى ئىنتايىن چوڭ زاپاسلارغا دەسلەپ دىققەت تارتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى بولغان بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور، دوكتور گۈركان كۇمبارئوغلۇنىڭ قارىشىچە، يېڭى مۇساپە ئىنتايىن مۇھىم.
تۈركىيە ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرى بىرلىكتە خىزمەت قىلىدۇ
پىروفېسسور، دوكتور كۇمبارئوغلۇ ئالدى بىلەن «ئەنئەنىۋى بولمىغان ئۇسۇل» مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇ تېخنىكىنى: «ئۆلچەملىك تىك بۇرغىلاش ئارقىلىق ئۆزلۈكىدىن يەر يۈزىگە چىقالمايدىغان، ئۆتكۈزۈمچانلىقى تۆۋەن تاش ۋە قۇم قاتلاملىرىغا قاپسىلىپ قالغان ھىدروكاربونلارنى گورىزونتال بۇرغىلاش ۋە گىدرولىك يېرىش ئۇسۇلى بىلەن قېزىپ چىقىرىش» دەپ خۇلاسىلەيدۇ.
ئۇ بۇ مۇساپىنىڭ ئىنتايىن ئىلغار ئىنژېنېرلىق ۋە يۇقىرى تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆتكەن يىلى تۈركىيە نېفىت شىركىتى (TPAO) بىلەن ئامېرىكا شىركەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئەسلىتىدۇ.
كۇمبارئوغلۇ بۇ كېلىشىملەر دائىرىسىدە رايوندا تۈركىيە ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دەيدۇ: «دىياربەكىردا ئەنئەنىۋى بولمىغان ئۇسۇللار بىلەن سىلانېتس گازى ۋە سىلانېتس نېفىتى قېزىپ چىقىرىش پەقەت بىر ئېنېرگىيە مەسىلىسى ئەمەس. بىز ئىستراتېگىيەلىك بىر تېخنىكا ئۈستىدە توختىلىۋاتىمىز. ئاخىرىدا تۈركىيە شىركەتلىرىمۇ بۇ تېخنىكىنى ئامېرىكالىق ھەمكارلاشقۇچىلىرىدىن ئۆگىنىپ، بىلىم ۋە تەجرىبىسىنى ئاشۇرىدۇ. كېيىنكى يىللاردا باشقا رايونلار ئۈچۈن كېرەكلىك قەدەملەرنى بۇ قېتىم بىۋاسىتە ئۆزىمىز تاشلىيالايمىز».
ئامېرىكا بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق «ساپ ئېكسپورتچى»غا ئايلاندى
كۇمبارئوغلۇ مەزكۇر ئىزدەش، قېزىش ۋە ساقلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ ئىنتايىن زور سىلانېتس گازى زاپىسىغا ئېرىشكەنلىكىنى ۋە بۈگۈنكى كۈندە «ساپ ئېكسپورتچى»غا ئايلانغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
ئۇ يەنە داداش فورماتسىيەسى دەپ ئاتىلىدىغان رايوندا، تۈركىيەنىڭ ھازىرقى ئىستېمال مىقدارى بويىچە ھېسابلىغاندا، 4-5 يىللىق تەبىئىي گاز ۋە 12-13 يىللىق خام نېفىت ئىستېمالىغا باراۋەر كېلىدىغان زور زاپاس بارلىقىنىڭ تىلغا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
توغرا يول خەرىتىسى تۈزۈلسە، تۈركىيەنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر مۇساپىدىن ئۆتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن كۇمبارئوغلۇ، بۇ يەردىكى زاپاسنىڭ پەقەت ئىچكى بازارغىلا ئەمەس، تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە مەركىزىگە ئايلىنىش نىشانىغىمۇ تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
«ئانتاليادىكى تەرەپلەر يىغىنىدا بۇ مۇساپىمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ»
پىروفېسسور، دوكتور گۈركان كۇمبارئوغلۇ بۇ نۇقتىدا مۇھىم بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىلانېتس نېفىتى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇللارغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ تاشلاندۇق پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكىگە دىققەت تارتىدۇ.
بىراق كۇمبارئوغلۇ بۇ مەسىلىنىڭمۇ زۆرۈر تەدبىرلەر ۋە مەخسۇس ساپلاشتۇرۇش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق چارىلەر ئارقىلىق ھەل قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سۆزىنى مۇنداق خۇلاسىلەيدۇ: «خەلقئارا ئېنېرگىيە ئىقتىسادى جەمئىيىتى (IAEE) بۇ مەسىلىنىمۇ كۈنتەرتىپكە ئېلىپ، ئانتاليادا مۇھىم بىر پائالىيەت ئۆتكۈزىدۇ. نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىغىنغا 38 دۆلەتتىن نۇرغۇن نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىس قاتنىشىدۇ. ئېنېرگىيەنىڭ ئۆزگىرىش مۇساپىسى، تېخنىكىلىق تەرەققىيات، كاربون سودىسى ۋە ئېلېكتىرلىق قاتناش (e-mobility) قاتارلىق تېمىلار مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. تۈركىيە ۋە بۇ يولدا ئىلگىرىلەۋاتقان باشقا دۆلەتلەرنىڭ نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە ئىنتايىن پايدىلىق بىر مۇساپە يولغا قويۇلىدۇ».














