ئىسرائىلىيە پارلامېنتى كنېسسېتتىكى ئەرەب بىرلەشمە تىزىملىكىنىڭ گۇرۇپپا رەئىسى ئەھمەد تىبى باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا قېلىش ئۈچۈن يېڭى بىر سايلام ئۆتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تىبى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنى، ياشار پارتىيەسى رەھبىرى گادى ئېيسېنكاتنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر ھۆكۈمەت قۇرۇپ نېتانياھۇنىڭ بۇ پىلانلىرىنى بىكارغا چىقىرىشقا چاقىردى.
تىبى بەرگەن باياناتىدا، نېتانياھۇنىڭ بىر تەرەپتىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ بېشىدا قېلىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ بىلەن ماسلاشقان ھالدا ئىرانغا قارشى يېڭى بىر ئۇرۇش قوزغاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئويلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تىبى: «مېنىڭچە نېتانياھۇ يېڭى بىر سايلام خالايدۇ. ھازىرچە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى سۈپىتىدە قېلىشنى نىشان قىلماقتا» دېدى.




















