پاكىستان ئافغانىستاننى تېررورچىلارنى تىزگىنلەشكە چاقىردى

پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاۋاجا مۇھەممەد ئاسىف ھەپتە ئاخىرىدا ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن، ئافغانىستان تەرەپتىن كېلىدىغان ھەر قانداق بىر مۇداخىلىنىڭ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

.«دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاسىف: «ئەمەلىيەتتە بىز ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتاتتۇق، زېمىنىمىز ھۇجۇم نىشانى قىلىنىۋاتاتتى. بىزمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا جاۋاب قايتۇردۇق / Reuters Archive

پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاۋاجا مۇھەممەد ئاسىف «رويتېرس» خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، ئىسلامئاباد بىلەن كابۇل ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئافغانىستاندىكى تالىبان ھاكىمىيىتىنىڭ پاكىستانغا چېگرا ھالقىپ ھۇجۇملارنى قىلىۋاتقان قوراللىق ئۇنسۇرلارنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق بۇ كېلىشىمنىڭ نەقەدەر نازۇك ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى..

جەنۇبىي ئاسىيادىكى بۇ ئىككى قوشنا دۆلەت ئونلارچە كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان شۇنداقلا تالىبان 2021-يىلى كابۇلدا ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن بۇيانقى ئەڭ شىددەتلىك توقۇنۇشلاردىن كېيىن ھەپتە ئاخىرىدا دوھادا ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا كېلىشكەنىدى.

بىر مەزگىل ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرغان ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇقلۇق توقۇنۇشلىرى پاكىستاننىڭ 2600 كىلومېتىرلىق تالاش-تارتىشلىق چېگرا لىنىيەسى بويىچە ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرى ۋە ئىسلامئابادنىڭ ئافغانىستاندىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ پاناھلىنىش ئورۇنلىرىنى تىزگىنلەشنى تەلەپ قىلىشىدىن كېيىن پارتلىغانىدى.

ئاسىف ئافغانىستانلىق مەنسەپدىشى موللا مۇھەممەد ياقۇپ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «ئافغانىستان تەرەپتىن كېلىدىغان ھەر قانداق ھۇجۇم بۇ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش دېمەكتۇر. ھەممە ئىش بۇ ماددىغا باغلىق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

چېگرا بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ

مىنىستىر ئاسىف ئىسلامئابادتىكى پارلامېنت بىناسىدا بەرگەن مەزكۇر باياناتى جەريانىدا، پاكىستان، ئافغانىستان، تۈركىيە ۋە قاتار تەرىپىدىن ئىمزالانغان يازما كېلىشىمدە چېگرا بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىشقا قەتئىي يول قويۇلمايدىغانلىقىنىڭ ئېنىق يېزىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «كېلىشىم ئىجرا قىلىنىۋاتقان، خىلاپلىق قىلىش كۆرۈلمەيدىغانلا بولسا، ئۇرۇش توختىتىش كۈچكە ئىگە» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ نۇرغۇن قوراللىق گۇرۇپپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەھرىكى تالىبانى پاكىستاننىڭ (TTP) تالىبان ھاكىمىيىتىنىڭ خەۋىرى بار ئەھۋالدا ئافغانىستاندىن پاكىستانغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

كابۇل ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلماقتا

كابۇل بولسا، ئىسلامئابادنىڭ پاكىستانغا قىلىنغان ھۇجۇملار ئۈچۈن قوراللىق ئۇنسۇرلارنى پاناھلىنىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، پاكىستان ئارمىيەسىنى ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش مەقسىتىدە يالغان ئۇچۇر تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد يەكشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، دوھادىكى سۆھبەتلەردە «ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ يەنە بىر دۆلەتكە قارشى دۈشمەنلىك ھەرىكىتىدە بولماسلىقى ۋە پاكىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان گۇرۇپپىلارنى قوللىماسلىق» توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ X ھېسابىدا ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرىدا، بۇنىڭ تالىباننىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان «ئافغانىستان زېمىنىنىڭ ھېچقانداق بىر دۆلەتكە قارشى ئىشلىتىلمەسلىكى» يۆنىلىشىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇجاھىد ئېلان قىلىنغان باياناتلارنىڭ ئورتاق بىر بايانات ئەمەسلىكىنىمۇ سۆزىگە قوشۇمچە قىلدى.

كابۇل چېقىلالماسلىق ھوقۇقىغا ئىگە رايون ئەمەس

پاكىستان بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ كەلگەن تەھرىكى تالىبانى پاكىستان، يېقىنقى ئايلاردا پاكىستان ئارمىيەسىگە قارشى ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتكەن. بۇ ھۇجۇملارغا جاۋابەن پاكىستان 9-ئۆكتەبىردە تەھرىكى تالىبانى پاكىستان تەشكىلاتى رەھبىرى نۇر ۋەلى مەھسۇدنى ئۆلتۈرۈش پىلانى دائىرىسىدە كابۇلغا ھۇجۇم قىلغان. مەھسۇد كېيىنچە ئۆزىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بىر سىنئالغۇ لېنتىسىنى ئېلان قىلغان.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاسىف: «ئەمەلىيەتتە بىز ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتاتتۇق، زېمىنىمىز ھۇجۇم نىشانى قىلىنىۋاتاتتى. بىزمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا جاۋاب قايتۇردۇق، ئۇلارغا ئۆزلىرى چۈشىنىدىغان تىلدا جاۋاب بەردۇق» دېدى. ئۇ تەھرىكى تالبىانى پاكىستان تەشكىلاتى قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ كابۇلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن جايدا بارلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇلارنىڭ قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھۇجۇم قىلىمىز. كابۇل چېقىلالماسلىق ھوقۇقىغا ئىگە بىر رايون ئەمەس» دېدى.

ئۇ كېلىشىمنىڭ قانداق يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان مېخانىزملارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغان كېيىنكى نۆۋەتلىك يىغىننىڭ 25-ئۆكتەبىردە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 شەنبە كۈنىدىكى سۆھبەتلەرگە تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ۋاسىتىچىلىك قىلغان قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، كېيىنكى يىغىنلارنىڭ «ئۇرۇش توختىتىشنىڭ داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئىشەنچلىك بىر شەكىلدە دەلىللەش» مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەھرىكى تالىبانى پاكىستاننىڭ باش كۆتۈرۈشى

پاكىستان، سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستاننى ئىشغال قىلغان مەزگىلدە ئالدىنقى سەپتە تۇرغان، تەخمىنەن تۆت مىليون ئافغان مۇساپىرنى كۈتۈۋالغان ۋە سوۋېتقا قارشى جەڭچىلەرگە خەلقئارالىق ياردەملەرنىڭ ئۆتۈش نۇقتىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغانىدى. دىپلوماتىك جەھەتتە، پاكىستان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن بىرلىكتە، 1997-يىلى تالىباننىڭ ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ب د ت نىڭ ئېمبارگولىرىغا قارىماي خەلقئارالىق مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن ۋە ئەلچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەنىدى.

بىراق، بولۇپمۇ تەھرىكى تالىبانى پاكىستاننىڭ پاكىستان ئىچىدە ئېلىپ بارغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى، ئافغانىستان تالىبانى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى كۈچلەر 2021-يىلى ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن، تالىبان كابۇلدا قايتىدىن ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالدى.

پاكىستان ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل كۆپ قىسمى تەھرىكى تالىبانى پاكىستان تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردا 311 دىن ئارتۇق كۆپرەكى ئەسكەر بولۇپ، جەمئىي 500 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئافغانىستان تالىبانى پاكىستاننىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلماقتا. ئۇلار يېقىنقى باياناتلىرىدا پاكىستاندىكى ساقچىلارنىڭ ئوق چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسا، كابۇلنىڭ ھىندىستان بىلەن ئېلان قىلغان بىر ئورتاق باياناتىدا، تالاش-تارتىشتىكى كەشمىر رايونىنى ھىندىستاننىڭ بىر قىسمى دەپ ئاتىشى پاكىستاننى غەزەپلەندۈردى.

ئافغانىستان تالىبانى تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى داۋاملىق رەت قىلىپ كەلمەكتە. 2007-يىلى قۇرۇلغان ۋە بىر قانچە تېررورلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلىشىشىدىن تەشكىل تاپقان تەھرىكى تالىبانى پاكىستان ئاساسلىقى پاكىستاننى زەربە ئوبيېكتى قىلىدۇ. 2024-يىلى ئېلان قىلىنغان بىر ب د ت دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئافغانىستاندا 6000 دىن 6500 گىچە تەھرىكى تالىبانى پاكىستان قوراللىق ئۇنسۇرى بار بولۇپ، بۇ قوراللىق ئۇنسۇرلار تاشلىۋېتىلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو قوراللىرىنى ئىشلەتمەكتە ئىكەن.