خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئۇكرائىنا بىلەن ئىسرائىلىيە ئۈچۈن 900 مىليارد دوللارلىق مۇداپىئە خامچوتى تەستىقلىدى
ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھەسى سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە قارىتىلغان «سېزار» ئىمبارگولىرىنى بىكار قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇكرائىناغا 400 مىليون، ئىسرائىلىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىغا 600 مىليون دوللار ئاجرىتىشنى مەزمۇن قىلىدۇ.
ئامېرىكا ئۇكرائىنا بىلەن ئىسرائىلىيە ئۈچۈن 900 مىليارد دوللارلىق مۇداپىئە خامچوتى تەستىقلىدى
900 مىليارد دوللارلىق ئامېرىكا مۇداپىئە قانۇن لايىھىسى ئۇكرائىناغا ياردەم ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەبلىغى بىلەن ئىلگىرىلىدى. / AP

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاۋام پالاتاسى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون) نىڭ سىياسەتلىرىنى بەلگىلەيدىغان، ئومۇمىي قىممىتى 900 مىليارد دوللارلىق «دۆلەت مۇداپىئە سالاھىيەتلەندۈرۈش قانۇنى» (NDAA) نى قوبۇل قىلدى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا 112 گە قارشى 312 ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىپ، كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىغا سۇنۇلدى.

جەمئىي 3086 بەتتىن تەركىب تاپقان بۇ لايىھەنىڭ مۇھىم ماددىلىرى ئارىسىدا، «ئۇكرائىنا بىخەتەرلىك ياردەم تەشەببۇسى» دائىرىسىدە ئۇكرائىناغا 400 مىليون دوللار ئاجرىتىش ۋە بەششار ئەسەد رەھبەرلىكىدىكى سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان «سېزار» ئىمبارگولىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىقلار بار.

بۇنىڭدىن باشقا، لايىھەدە «تۆمۈر گۈمبەز» (Demir Kubbe) سىستېمىسىغا ئوخشاش ئورتاق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە ھەمكارلىقلىرى دائىرىسىدە ئىسرائىلىيەگە 600 مىليون دوللارلىق فوند ياردىمى بېرىشمۇ ئورۇن ئالدى.

ئىزدىنىڭ
ناتو - ئۇكرائىنا كېڭىشى بىريۇسسېلدا جىددىي يىغىن چاقىردى
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ياردەمنى كېسىشىدىن چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ئارمىيە باياناتچىسى ئامېرىكانى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى
4 دۆلەت ھۇسىيلارنىڭ مەدىنىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش ئۇرۇنۇشىنى ئەيىبلىدى
رۇبىيو ئىستېپا بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ھېرزوگ ھۆكۈمەت قۇرىدىغان كىشىنى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىدىكەن
كالىفورنىيە ئىشتاتى باشلىقى بارلىق ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈملىرىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتتى
رونالدو پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن خوشلاشتى
شىمالىي كورېيە يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «8-نويابىر كۈنى ئەزەربەيجاننى زىيارەت قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن»
ئەردوغان: تېررورلۇقتىن خالىي تۈركىيە مۇساپىمىز قانۇن دائىرىسىدە داۋاملاشماقتا
جەنۇبىي كورېيە ھورمۇز بوغۇزىغا يېقىن جايغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرىدۇ
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ساندېرس: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش قىلىش ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ
چىفتچى: ئىتالىيە بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتىمىز
زېلېنىسكىي ترامپنىڭ ۋەكىللىرى كۇشنېر ۋە ۋىتكوف بىلەن تېلېفونلاشتى