سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئامېرىكادا ئۇرۇش ھوقۇقى مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە ھاۋا مۇداپىئەسىنى ئىشقا كىرىشتۈردى
ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكى چوڭقۇرلىشىۋاتقان ۋە ۋاشىنگتون ئۇرۇش ھوقۇقى بېرىشتە دۆلەت مەجلىسىنى چەتكە قېقىشى مۇمكىنلىكىدىن بېشارەت بېرىۋاتقان بىر پەيتتە، تېھران ھاۋا مۇداپىئەسىنى قىسقا مۇددەتلىك ئىشقا كىرىشتۈردى.
ئىران ئامېرىكادا ئۇرۇش ھوقۇقى مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە ھاۋا مۇداپىئەسىنى ئىشقا كىرىشتۈردى
ئىران ئامېرىكادا ئۇرۇش ھوقۇقى مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە ھاۋا مۇداپىئەسىنى ئىشقا كىرىشتۈردى / Reuters

ئاقساراينىڭ ئىران ئۇرۇشىغا ئالاقىدار دۆلەت مەجلىسى  بېكىتكەن مۇددەت بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىشىدىن كېيىن، تېھراننىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى پەيشەنبە كۈنى كېچىدە كىچىك تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارغا قارشى ئىشقا سېلىندى.

 تاسنىم  ۋە فارس خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى ئىران پايتەختىنىڭ بەزى رايونلىرىدا ئاڭلانغان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ «كىچىك ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە چارلاش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىغا قارشى» تەخمىنەن 20 مىنۇت بويىچە ئىشلىتىگەنلىكىنى، ئاندىن ئەھۋالنىڭ «نورمال» غا قايتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى، ئىرانغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن دۆلەت مەجلىسىدىن ھوقۇق ئېلىشقا بېرىلگەن، يېرىم كېچىدە توشىدىغان مۇددەتكە دۇچ كەلگەن ئىدى. بۇ ئەھۋال ئاقساراي بىلەن دۆلەت مەجلىسى ئوتتۇرىسىدا بىر جىددىيچىلىكنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.

ترامپ ھۆكۈمىتى ھوقۇق سوراش ئۈچۈن باشلانغان 60 كۈنلۈك مۇددەتنىڭ، ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش بىلەن ئەمەلىيەتتە توختاپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى پەيشەنبە كۈنى كېچىدە AFP غا بەرگەن باياناتىدا، 7-ئاپرېلدىكى ئۇرۇش توختىتىشتىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئوق چىقىرىش ۋەقەسى يۈز بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇرۇش ھوقۇقى قارارنامىسى نۇقتىسىدىن، 28-فېۋرال شەنبە كۈنى باشلانغان توقۇنۇشلار ئاخىرلاشتى» دېدى.

نومۇسسىزلارچە مەغلۇبىيەت

پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن تەرەپلەردە ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى، ئامېرىكانىڭ نومۇسسىزلارچە بىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە ترامپنىڭ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر نەتىجىلەرنى تۇغدۇرىدىغان ئامېرىكا دېڭىز قامالىنىڭ ئايلارچە داۋاملاشتۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىنى جەڭ ئېلان قىلىش بىلەن رەت قىلدى.

نېفىت باھاسى تۆت يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى، ئاندىن مۇجتەبا خامىنېيىنىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە ئوقۇلغان يازما باياناتىدىن بۇرۇن سەل تۆۋەنلىدى. خامىنېيى باياناتىدا، كىرىزىستا ئەمدى كونتروللۇقنىڭ ئىراننىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بۈگۈن، دۇنيانىڭ زورۋانلىرى رايوندا ئېلىپ بارغان ئەڭ چوڭ ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تاجاۋۇزچىلىقى ھەمدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پىلانلىرىنىڭ نومۇسسىزلارچە مەغلۇپ بولۇشىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، پارس قولتۇقى ۋە ھورمۇز بوغۇزى ئۈچۈن يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلىۋاتىدۇ.»

ئۇ، ئىراننىڭ بوغۇزدىكى دېڭىز قاتنىشى ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى مەدھىيەلىدى، ھەمدە ئامېرىكا بولمىغان بىر قولتۇق ئۈچۈن پارلاق كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، رايونغا يىراقتىن مۇداخىلە قىلغۇچىلارنىڭ «ئۇ يەردە، سۇنىڭ تېگىدىن باشقا ھېچقانداق جايى يوقلۇقىنى» ئېيتتى.

خامىنېيى دادىسى ئەلى خامىنېيى ئۆلگەن تۇنجى ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدا يارىلانغان ئىدى ھەمدە مارت ئېيىدا دىنىي رەھبەر سۈپىتىدە دادىسىنىڭ ۋارىسى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان ئاممىنىڭ ئالدىدا كۆرۈلمىگەن ئىدى.

ئامېرىكا ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئىران پورتلىرىغا قامال قىلىشنى باشلىغان ئىدى. ئىران بولسا فېۋرالنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان ئىستراتېگىيەلىك ھورمۇز بوغۇزى ئۈستىدىكى بېسىمىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ AFP غا ئېيتىشىچە، ۋاشىنگتون ئىرانغا خىزمەت قىلىدىغان پاراخوتلارغا قاراتقان قامالىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پەيتتە، ھورمۇزدىن بىخەتەر ئۆتۈشنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋە دېڭىز تىرانسپورتى شىركەتلىرىدىن تەشكىل تاپقان خەلقئارالىق بىر ئىتتىپاق قۇرۇشقا تىرىشماقتا.

ترامپ پەيشەنبە كۈنى ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەدىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈش بىلەن تەھدىت سالدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى گېرمانىيەگە قارىتا شۇنىڭغا ئوخشاش ئاگاھلاندۇرۇشلاردا بولغان ترامپ، ھورمۇز بوغۇزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىرانغا قارشى ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھەرىكەتلىرىنى قوللىمىغانلىقى ئۈچۈن ناتو ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى.

ئىزدىنىڭ
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش