مەدەنىيەت
2 مىنۇت ئوقۇش
يېقىن شەرقتىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە قارىماي، ھاجى نامزاتلىرىنىڭ سانى 2025-يىلدىكىدىن ئېشىپ كەتتى
رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشلار ۋە پاراخوت قاتنىشىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى، كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج ئىبادىتى ئۈچۈن سائۇدى ئەرەبىستانغا ساياھەت قىلىشىغا توسالغۇ بولالمىدى.
يېقىن شەرقتىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە قارىماي، ھاجى نامزاتلىرىنىڭ سانى 2025-يىلدىكىدىن ئېشىپ كەتتى
يېقىن شەرقتىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە قارىماي، ھاجى نامزاتلىرىنىڭ سانى 2025-يىلدىكىدىن ئېشىپ كەتتى / AP

سەئۇدى دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېقىنلىشىپ قالغان ھەج مەزگىلى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان سىرتىدىن 1.5 مىليوندىن ئارتۇق ھاجى نامزاتى سائۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ كەلگەن. بۇ كۆرسەتكۈچ، يېقىن شەرقتىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە قارىماي، ئۆتكەن يىلقى خەلقئارالىق زىيارەتچىلەر سانىدىن ئېشىپ كەتكەن.

فېۋرال ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈپەيلىدىن ئەۋج ئالغان توقۇنۇشلاردا، تېھران ھۆكۈمىتى سائۇدى ئەرەبىستان ۋە پۈتكۈل پارىس قولتۇقى مىقياسىدىكى نىشانلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ئىدى. بۇ ئەھۋال ھاۋا يولى قاتنىشىدا ئېغىر ئاقساپ قېلىشلارنى تۇغدۇرۇپ، ساياھەت چىقىملىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە يول ئاچقان ئىدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار ۋە بەھرەيندىكى چوڭ قولتۇق شىركەتلىرى، ھەپتىلەپ داۋاملاشقان ھاۋا يولىنىڭ تاقىلىشى ۋە نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىدىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي خىزمەت ئىقتىدارىنى تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

مۇشۇنداق قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەممىسىگە قارىماي، ھاجى نامزاتلىرى بۇ يىلقى ھەج ئىبادىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن سائۇدى ئەرەبىستانغا قاراپ ئېقىشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇردى. سائۇدى ئەرەبىستان ھەج پاسپورت كۈچلىرى قوماندانى سالىھ ئەل-مۇراببا، جۈمە كۈنى كېچىدە ئۆتكۈزگەن مەتبۇئات يىغىنىدا: «چەتئەلدىن كەلگەن ئومۇمىي ھاجى نامزاتلىرىنىڭ سانى 1 مىليون 518 مىڭ 153 كە يەتتى» دېدى.

دۈشەنبە كۈنى باشلىنىدىغان رەسمىي ئىبادەتلەرنىڭ بۇرۇنقى كۈنلىرىدە، دۆلەت سىرتىدىن كېلىشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن، بۇ ساننىڭ ئالدىمىزدىكى ئىككى كۈن ئىچىدە تېخىمۇ ئۆرلەيدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە. ئۆتكەن يىلى، 1 مىليون 506 مىڭ 576  ھاجى نامزاتى سائۇدى ئەرەبىستان سىرتىدىن بولۇپ، ئومۇمىي ھاجىلارنىڭ سانى 1 مىليون 673 مىڭ 320 گە يەتكەن ئىدى.

ئىسلامنىڭ بەش پەرزىدىن بىرى بولغان ھەج ئىبادىتىنى، ئىمكانى يار بەرگەن بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆمىرىدە كەم دېگەندە بىر قېتىم ئادا قىلىشى پەرزدۇر.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Saudi Arabia uses drones and AI for security monitoring of Hajj pilgrimage
ئىزدىنىڭ
ئالىملار ئىتالىيەدە ئاياللار ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان يېزىنى بايقىدى
30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ChatGPT پىلانلانغاندەك ئىشلىمەيۋاتىدۇ، خەۋپ - خەتەر شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا