كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ نىقابلىق خادىملىرى ئامېرىكاغا ياردەم بەرگەن ئافغان تەرجىماننى قولغا ئالدى
ئامېرىكادا ئىنسانپەرۋەرلىك ۋىزىسى بىلەن قانۇنلۇق تۇرۇۋاتقان زىيا يەشىل دائىملىق ئۇچرىشىشىدا قولغا ئېلىندى؛ ۋەكىللەر ۋە سابىق ھەربىيلەر بۇ ئەھۋالنى ئامېرىكانىڭ ۋەدىلىرىگە قىلىنغان خىيانەت دەپ ئاتىماقتا.
ئافغانىستاندا ئامېرىكا ئارمىيەسىگە تەرجىمانلىق قىلغان ۋە بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئىسمى پەقەت «زىيا» دەپ ئاشكارىلانغان بىر كىشى، كوننېكتىكاتتىكى دائىملىق ئۇچرىشىشى جەريانىدا نىقابلىق ۋە قوراللىق كۆچمەنلەر ئىدارىسى خادىملىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.
زىيانىڭ ئادۋوكاتى ۋە قۇرۇلتاي ئەزالىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇرۇش جەريانىدا ئامېرىكا قىسىملىرىنى قوللىغان ئافغانلارنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئالاھىدە پىلان بويىچە قانۇنلۇق يوللار بىلەن ئامېرىكىغا ئورۇنلاشقان زىيا، ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا باشقۇرۇش ئىدارىسى (ICE) خادىملىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ باشقا بىر ئىشتاتقا ئېلىپ كېتىلگەن.
كوننېكتىكات كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىچارد بلۇمېنتال باياناتىدا: «ئۇنىڭغا قىلىنغان مۇئامىلە ئەڭ رەزىل ۋە ئىنسانىيەتكە خىلاپ مۇئامىلىدۇر. ئۇ ئافغانىستاندا ئىشلەپ ھاياتىنى خەتەرگە ئاتقان» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى. بلۇمېنتال ئاۋام پالاتا ئەزالىرى جاھانا ھايېس ۋە بىل كىتىڭ بىلەن بىرلىكتە زىيانىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
زىيانىڭ ھازىرمۇ نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكى، ئەمما بىر سوتچىنىڭ ئۇنىڭ دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىلىشىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى (DHS) يازما باياناتىدا، زىيانىڭ 2024-يىلى 8-ئۆكتەبىر ئامېرىكىغا كىرگەنلىكىنى ۋە «ئېغىر جىنايەت گۇمانى» سەۋەبىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى. ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى: «بارلىق ئەيىبلەشلەر بىر سوتچى تەرىپىدىن ئاڭلىنىدۇ. زۇلۇمغا ئۇچراشتىن قورققان ھەر قانداق ئافغانىستانلىق ياردەم تەلەپ قىلالايدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى. ئەمما باياناتتا ئەيىبلەشلەرگە ئائىت تەپسىلات بېرىلمىدى.
زىيانىڭ ئادۋوكاتى لائۇرېن پېتېرسېن، ئۇنىڭ خېرىدارىنىڭ تالىباندىن بىۋاسىتە تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن چېكىندۈرۈش پىلانى ئارقىلىق ئامېرىكىغا كەلگەنلىكىنى ۋە جىنايى ئىشلار خاتىرىسىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكىنىڭ «جىنايەت گۇمانى» دېگەن سۆزىگە: «ئۇلارنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنمىدىم» دەپ جاۋاب بەردى.
2021 - يىلى تالىبان ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيەسىگە خىزمەت قىلغان مىڭلىغان ئافغان تەرجىمان ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە كۆچمەنلەر پىلانى يولغا قويۇلغان ئىدى. زىيانىڭ ئەھۋالى بۇ كىشىلەر دۇچ كېلىۋاتقان قانۇنىي ئېنىقسىزلىقلارنى يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە ئېلىپ چىقتى.
ئافغانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ كۆپىيىشى ئەندىشە پەيدا قىلماقتا
ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن چېكىندۈرۈش، ئامېرىكادا جىددىي خەتەر ئاستىدا قالغان ياكى ئاممىۋى مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان شەخسلەرگە ۋاقىتلىق قانۇنىي سالاھىيەت بېرىدۇ. زىيا بۇ جەرياننىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە يېشىل كارتا ئىلتىماس قىلىۋاتقان ۋاقىتتا قولغا ئېلىنغان.
2021 - يىلى تالىبان ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن يولغا قويغان «ئىتتىپاقداشلارنى قوللاش ھەرىكىتى» دائىرىسىدە 70 مىڭدىن ئارتۇق ئافغان ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىنگەن ئىدى. ئەمما پرېزىدېنت دونالد ترامپ دەۋرىدە كېڭەيتىلگەن كۆچمەنلەر سىياسىتى سەۋەبىدىن تەخمىنەن 14 مىڭ 600 ئافغاننىڭ قوغدىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىندى.
ئافغانلارنىڭ ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىدىغان «#AfghanEvac» تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى شاۋن ۋاندىۋېر: «بىز ئامېرىكا ئارمىيەسىدە ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان كەم دېگەندە يەنە ئىككى ئافغان دېلوسىنى بىلىمىز» دېدى.
ۋاندىۋېر: «بۇ مەسىلە بۇ دۆلەتنىڭ ھەممە نەرسىسىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغانلارغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇش-تۇرماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.