كۆچمەنلىك سىياسىتىنى چىڭىتىۋاتقان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى، ئۇنىڭ 2025-يىلى يانۋاردا باشلانغان ئىككىنچى قېتىملىق پىرېزىدېنتلىقى مەزگىلىدە 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 10-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا بۇ ساننىڭ 175 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى كۆرسەتكەنىدى.
ھۆكۈمەت كۆچمەنلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش تەدبىرلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار بولسا، بۇ تەدبىرلەرنىڭ قانۇنىي رەسمىيەت ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە دەخلى قىلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا بىخەتەرلىك ئەندىشىسى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئاز سانلىق گۇرۇپپىلار ئىرقىي ئاساستا كىشىلەرنى تىزىملاش ئېھتىماللىقىدىنمۇ ئەندىشە قىلماقتا.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى توممى پىگوت X سۇپىسىدا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «تارىختىكى باشقا بارلىق ھۆكۈمەتلەردىن كۆپ ۋىزىنى، تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە» ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ۋىزا بىلەن دۆلەتتە تۇرۇپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان، ئالدامچىلىق قىلغان ياكى «دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە خەۋپ يەتكۈزگەن» چەت ئەللىكلەرگە قارىتا «نۆل كەڭچىلىك» سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ترامپ 2024-يىلدىكى سايلام تەشۋىقاتىدا قانۇنسىز كۆچمەنلىكنى توختىتىشقا ۋەدە بەرگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بەزى خىزمەت ۋىزىلىرىغا يۇقىرى ھەق بەلگىلەش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق قانۇنلۇق كۆچمەنلىك رەسمىيەتلىرىنىمۇ قىيىنلاشتۇردى.
بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى كۆرۈپ چىققان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بەزى ھۆججەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، مىنىستىرلىقنىڭ 2016-يىلىدىن 2026-يىلغىچە بېرىلگەن B1 ۋە B2 ۋىزىلىرىنى، ئىلگىرى پاناھلىق تىلىگەن ياكى ھازىر پاناھلىق ئىزدەۋاتقان كىشىلەردىن قايتۇرۇۋېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ ئىشنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى بىلەن ماسلىشىپ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.






















