خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
زېلېنسكىي ئامېرىكا-رۇسىيە باشلىقلار ئۇچرىشىشى ھارپىسىدا ئۇكرائىناسىز قارارلار ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
15-ئاۋغۇستتا ئالاسكادا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان باشلىقلار ئۇچرىشىشى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامېرىكا ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ 2021-يىلى بايدىن بىلەن پۇتىننىڭ جەنۋەدە ئۇچراشقاندىن بۇيانقى تۇنجى كۆرۈشۈشى ھېسابلىنىدۇ.
زېلېنسكىي ئامېرىكا-رۇسىيە باشلىقلار ئۇچرىشىشى ھارپىسىدا ئۇكرائىناسىز قارارلار ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
/ AA

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئۇكرائىناسىز قارارلار» نىڭ تىنچلىق ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيەگە زېمىن بېرىشنى قەتئىي رەت قىلدى.

زېلېنسكىي ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن كېلەر ھەپتە ئالاسكادا ئۇكرائىنادىكى تىنچلىقنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولۇشقا تەييارلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئېلان قىلغان  باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئۇكرائىنالىقلار زېمىنىنى تاجاۋۇزچىغا بەرمەيدۇ. بىزگە قارشى، ئۇكرائىنانىڭ ئىرادىسىسىز چىقىرىلغان ھەرقانداق بىر قارار تىنچلىققا قارشى چىقىرىلغان قارار ھېسابلىنىدۇ. دەرۋەقە بۇنداق بىر قارار ھېچقانداق نەتىجە ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. ئۇرۇش بىزسىز، ئۇكرائىناسىز ئاخىرلاشمايدۇ.»

زېلېنسكىي ئۇكرائىنانىڭ «تىنچلىق ئېلىپ كېلەلەيدىغان ھەقىقىي قارارلارغا تەييار» ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ «ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى قوغداپ قېلىنغان تىنچلىق» بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى، لېكىن تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىدى.

 مۇۋەپپەقىيەتسىز سۆھبەتلەر

 

2022-يىلى فېۋرالدا رۇسىيە ئۇكرائىناغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغاندىن بۇيان، ئون مىڭلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، مىليونلىغان كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.

بۇ يىل رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ قېتىملىق سۆھبەت نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى، بىر باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ تىنچلىقنى قانچىلىك يېقىنلاشتۇرالايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

پۇتىن بىلەن جۈمە كۈنى بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ترامپ، «ئۇچرىشىشتا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولغان بىر قىسىم زېمىن ئالماشتۇرۇشلارنىڭ بولىدىغانلىقى» نى ئېيتتى، ئەمما تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىدى.

ترامپ بىلەن پۇتىن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2019-يىلى ترامپنىڭ تۇنجى ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 20 – گ گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا بىر يەرگە جەم بولغانىدى. ئۇلار يانۋار ئېيىدىن بۇيان بىرنەچچە قېتىم تېلېفونلاشتى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز