تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
TRT ئىسرائىلىيەگە ئالاقىدار تالاش-تارتىش سەۋەبىدىن EBU يىغىن زالىدىن چىقىپ كەتتى
ياۋروپادىكى تاراتقۇلار ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇنىڭ «2026-يىللىق ياۋروپا ناخشا-ئۇسسۇل مۇسابىقىسى — ياۋروۋىزيون»غا قاتنىشىشىنى ئەيىبلىدى. بىرنەچچە ياۋروپا دۆلىتى « ياۋروۋىزيون»نى بايقوت قىلدى.
TRT ئىسرائىلىيەگە ئالاقىدار تالاش-تارتىش سەۋەبىدىن EBU يىغىن زالىدىن چىقىپ كەتتى
غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياۋروپا تارقاتقۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ كۈنتەرتىپىنى ئىگىلىگەچكە، ۋەكىللەر ئىسرائىلىيەنىڭ قاتنىشىشى توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلدى؛ بىر قانچە تارقاتقۇچى ئورگان 2026-يىللىق ياۋروۋىزىيە ناخشا مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. / Reuters
2025-يىلى12-ئاينىڭ5-كۈنى

جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا تارقىتىش ئىتتىپاقى (EBU) نىڭ 95-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا، ئەزالىققا قاتنىشىشنىڭ يېڭى قائىدىلىرى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەتلىك تاراتقۇسى بولغان «KAN»نىڭ 2026-يىللىق مۇسابىقىدىكى ئورنى كەڭ دائىرىدە مۇھاكىمە قىلىندى.

ئەزالار بېلەت تاشلاش باشلىنىشتىن بۇرۇن سۆز قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سايىسىدا، «KAN»نىڭ تەشكىلاتتىكى پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش-داۋاملاشتۇرماسلىقى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئۆز مەيدانلىرىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا تارقىتىش ئىتتىپاقىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بىرى بولغان، شۇنداقلا «TRT World»نىڭ باش ئورگىنى ھېسابلىنىدىغان تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى— TRT، غەززەدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشىنى «ياۋروۋىزيون»نىڭ قىممەت قارىشىغا زىت ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغانلىقىنى تەكىتلىدى.

TRT ھەيئىتى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«بۇ زالدىكى ھەممەيلەنگە ئوخشاش، بىزمۇ TRT بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان زۇلۇمغا ۋە پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا گۇۋاھ بولۇۋاتىمىز. ئاتالمىش ئۇرۇش توختىتىش باشلانغاندىن بۇيان نەچچە ئونلىغان بالا ئۆلتۈرۈلدى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى تېخىچە غەززەگە بىخەتەر شەكىلدە يەتكۈزۈلمەيۋاتىدۇ. 270 تىن ئارتۇق ژۇرنالىست ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. TRT نىڭ مەيدانى ئېنىق؛ ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك تاراتقۇسى <KAN> نىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى نە مۇۋاپىق ئەمەس، نە مۇسابىقىنىڭ قىممەت قارىشىغا ئۇيغۇن ئەمەس، شۇڭا ئۇنىڭ قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنماسلىقى كېرەك.»

ئىرلاندىيەنىڭ دۆلەتلىك تاراتقۇسى RTÉ مۇ بۇ قاراشنى قۇۋۋەتلەپ: «غەززەدىكى دەھشەتلىك جانۇ-مال تالاپەتلىرى ۋە داۋاملىشىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى كۆزدە تۇتۇلغاندا، ئىسرائىلىيە تاراتقۇسى <KAN> مۇسابىقىدە قالغان تەقدىردە، بىزنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشىمىز ۋىجدانى جەھەتتىن قوبۇل قىلىنغۇسىز بولىدۇ» دېدى.

ئىسرائىلىيەلىك تاراتقۇ ۋەكىلى سۆز ئالغاندا، TRT ۋەكىللىرى نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە زالدىن چىقىپ كەتتى. TRT ۋە باشقا بىرنەچچە ئەزا، بېلەت تاشلاشنىڭ ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، يوشۇرۇن بېلەت تاشلاشنى تەلەپ قىلدى.

يىغىن نەتىجىسىدە يېڭى قاتنىشىش قائىدىلىرى تەستىقلاندى، بىراق ئىسرائىلىيەنىڭ قاتنىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئايرىم بېلەت تاشلاش ئېلىپ بارماسلىق قارار قىلىندى.

گېرمانىيە ۋە ئاۋسترىيەلىك ئەزالار «KAN»نى ئاشكارا قوللىغان بولسا، ئىسپانىيە، سىلوۋېنىيە، ئىرلاندىيە ۋە گوللاندىيە تاراتقۇلىرى بېلەت تاشلاشتىن كېيىن «2026-يىللىق ياۋروپا ناخشا-ئۇسسۇل مۇسابىقىسى — ياۋروۋىزيون»نى بايقوت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇ ئىختىلاپ ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ داۋاملىشىشى، پەلەستىندىكى تالاپەتنىڭ ئېشىشى ھەمدە مەدەنىيەت، سىياسىي ۋە تاراتقۇ ساھەلىرىدە خەلقئارالىق تەنقىدلەرنىڭ كۈچىيىشى ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە گىرېتسىيەدىكى تۈرك ئاز سانلىقلار مەكتىپىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە ۋە سۈرىيە رەھبەرلىرى سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى
ئۇكرائىنا ھۇجۇمىدىن كېيىن يېرىم مىليوندىن ئارتۇق بېلگورودلۇق ئىسسىنىش ۋە توكتىن مەھرۇم قالدى
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە 22 مۇسۇلمان دۆلەت ئىسرائىلىيەنىڭ سومالىلاند زىيارىتىنى ئەيىبلىدى
ئىران دۆلەت تاراتقۇلىرى: تۈنۈگۈن كېچە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە بار
سۈرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى
رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا كىيېۋدا تۆت كىشى ئۆلدى، 10 كىشى يارىلاندى
باش ئەلچى سەدات ئۆنال ئامېرىكالىق سېناتور ئېلىسا سلوتكىن بىلەن كۆرۈشتى
سەئۇدى ئەرەبىستان: جەنۇبىي ئۆتۈش كېڭىشى رەھبىرى جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن يەمەندىن قاچتى
ئىراندا نارازىلىق نامايىشلىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 38 گە يەتتى
ترامپ ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا ئىدارىسىنىڭ بىر ئايالنى ئۆلتۈرۈشىنى «قانۇنىي قوغدىنىش» دېدى
ئىران ئارمىيە قوماندانى ترامپ ۋە نېتانياھۇغا تەھدىت سالدى
لوندوندىكى پەلەستىن ۋاكالەتخانىسىنىڭ دەرىجىسى تولۇق ئەلچىخانا سالاھىيىتىگە ئۆستۈرۈلدى
تۈركىيە «ئەرەبىستانلىق لاۋرېنس» غا ئائىت ئوسمانلى دەۋرى ئىستىخبارات ئارخىپلىرىنى ئاشكارىلىدى
ئىران موسساد جاسۇسى دېگەن جىنايەت بىلەن بىر كىشىنى دارغا ئاستى